شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 120-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ما،XX جىنسىي ئايال، مىللىتى ئۇيغۇر، 20ياش، كىملىك نۇمۇرى:6529291999XXXXXXXX ، ساۋاتسىز، دېھقان، يۇرتى: ئاقسۇ ۋىلايىتى XXناھىيسى، توختۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ ۋىلايىتى XXناھىيسى XXكەنىت -XXگورۇپ -XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بىلەن توختىتىپ قويۇلۇپ، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى9-ئاينىڭ 4-كۈنى(2020) 131-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
1.جاۋاپكار ما XX 2019-يىل4-ئاينىڭ11-كۈنى كەچ سائەت 20:40لەر ئەتراپىدا، ئاقسۇ شەھەر XXيولى XXتاللا بازىرى ئالدىغا كەلگەندە زىيانلانغۇچى شۈXXنىڭ كەينىگە ئېسىۋالغان سومكىسىنىڭ سىرىتمىسىنى قولى ئارقىلىق ئېچىپ ئوغۇرلۇق قىلماقچى بولغاندا شۈ شىن XXتەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.
.2 جاۋاپكار ماXX2019- يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 15:50لەر ئەتراپىدا، ئاقسۇ شەھەر XXيولى XXسودا كوچىسى يول ئېغىزىدا بالىسىنى يۆتلەپ مېڭىۋاتقان زىيانلانغۇچى گوXXنىڭ كەينىگە ئېسىۋالغان سومكىسىنىڭ سىرتمىسىنى قولى ئارقىلىق ئېچىپ، سومكا ئىچىدىن بىر دانە قارا رەڭلىك پورتمالنى ئوغۇرلاپ پورتىمالنىڭ ئىچىدىكى 240يۈەن پۇلنى ئېلۋىلىپ پورتىمالنى تاشلىۋەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنڭ گۇۋاھلىقى باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار ماXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت
تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى
ئىزاھات :
1)جاۋابكار ماXX ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخاندا قاماقلىق.
2) سەككىز نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论