شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
xx شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت 1-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 571 - نومۇرلۇق
xx شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار xx، ئەر، ئۇيغۇر، 37 ياش، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxx652901198، تۇللۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، كومىنىستىك پارتىيە ئەزاسى، يۇرتى: xx شەھەر، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى xx شەھەر ئۈرۈمچى قەشقەر يولى مەمۇرىيلار 3- قارارلىق ئولتۇراق رايونى 1- بىنا 2- كۇرپۇس 1601- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. xx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم مۇدىر 2- دەرىجىلىك ساقچى باشلىقى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۇنى باشقىلارنىڭ زەھەر(نەشە) چىكىشگە سورۇن ھازىرلاپ بىرىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئشلار بۇيچە توختۇپ قۇيۇلۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قولغا ئېلىنغان.
xxشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (2020) 1083-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار xx 2020- يىل 3- ئاينىڭ 24- كۈنلىرى كەچ سائەت 23:00 لەر ئەتىراپىدا xx يولى مەمۇرىيلار ئولتۇراق رايونى 3- قارارلىق ئولتۇراق رايونى 1- بىنا 2- كۇرپۇس 1601- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە xx بىلەن بىللە نەشە چەككەن .
جاۋابكار xx2020- يىل 3- ئاينىڭ 27- كۈنلىرى كەچ سائەت 23:30 لەر ئەتىراپىدا xx يولى مەمۇرىيلار ئولتۇراق رايونى 3- قارارلىق ئولتۇراق رايونى 1- بىنا 2- كۇرپۇس 1601- نۇمۇرلۇق ئۆيىدەxx بىلەن بىللە زەھەر (نەشە) چەككەن .
جاۋابكارxx 2020- يىل 5- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىxx يولى مەمۇرى يلار ئولتۇراق رايونى 3- قارارلىق ئولتۇراق رايونى 1- بىنا 2- كۇرپۇس 1601- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە xx قاتارلىقلار بىلەن بىللە نەشە چەككەن .
جاۋابكارxx 2020- يىل 6- ئاينىڭ 16- كۈنى xx يولى مەمۇرىيلار ئولتۇراق رايونى 3- قارارلىق ئولتۇراق رايونى 1- بىنا 2- كۇرپۇس 1601- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە xx قاتارلىقلار بىلەن بىللە زەھەر (نەشە) چەككەن .
جاۋابكارxx 2020- يىل 6- ئاينىڭ 24- كۈنى xx ئۆزىنىڭ 新NCxxxx نۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك مىڭجۆ ماركىلىق ماشىنىسىدا xx بىلەن بىللە زەھەر (نەشە) چەككەن .
جاۋابكار xx 2020- يىل 7- ئاينىڭ 6- كۈنى xx يولى مەمۇرىيلار ئولتۇراق رايونى 3- قارارلىق ئولتۇراق رايونى 1- بىنا 2- كۇرپۇس 1601- نۇمۇرلۇق ئۆيىدە xx بىلەن بىللە زەھەر (نەشە) چەككەن .
ئومۇملاشتۇرغاندا جاۋابكار xx ئxxيولى مەمۇرىيلار 3- قارارلىق ئولتۇراق رايونى 1- بىنا 2- كۇرپۇس 1601- نۇمۇرلۇق ئۇيىدە ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ، بەش قېتىم، ئۆزىنىڭ 新NC2xxx نۇمۇرلۇق ئاق رەڭلىك مىڭجۆ ماركىلىق ماشىنىسىدا بىر قېتىم باشقىلارنىڭ زەھەر(نەشە) چىكىشى ئۇچۇن سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ھەم زەھەر (نەشە) بىلەن تەمىنلىگەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار يۈسۈپ ھېكىمنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 354-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. جاۋابكار مەھكىمىمىزدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشنى ئىتىراپ قىلىپ، جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار xxباشقىلارنىڭ زەھەر چىكىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىش جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 354-ماددا ، 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش :xx
2020-يىلى 10- ئاينىڭ 21-كۈنى
1› جاۋاپكار xx شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2> 8 نۇسقا ئەيىبنامە ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىل خېتى، ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلوسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论