欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某等两人诈骗案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

                                                ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 310-نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

1.جاۋابكار يx،ئەر،ئۇيغۇر،1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *************6529231990. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى،شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن،نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى: كۇچا ناھىيە *** بازىرى**** كەنىت **-گۇرۇپ ****-نومۇرلۇق قورو،ئىلگىرى جازالانمىغان.

مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى8-ئاينىڭ 21-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كۇچا  ناھىيىلىك قاماقخانىغا جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختىتىلىپ قۇيۇلۇپ، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخاندا قاماقتا.

2.جاۋابكار تx ئەر،ئۇيغۇر،1991-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********6529231991،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،تىجارەتچى،شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسىدىن،نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى: كۇچا ناھىيە*** بازىرى **** كەنىت **-گۇرۇپ **- نومۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.

مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بىرىلگەن، 

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى〔2019〕748-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار يx،تxنىڭ مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2019- يىلى11- ئاينىڭ 15–كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارلارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكارلار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،2019-يىلى12-ئاينىڭ 15-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق، 2019- يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، 2020-يىلى2-ئاينىڭ 8- كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى،2020-يىلى3-ئاينىڭ8-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى 15 كۈن ئۇزارتتۇق،2020-يىلى3-ئاينىڭ23-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە يوللىدۇق،2020-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى،يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

بىرىنچى: جاۋابكار يx 2016-يىلى7-ئايدىن2018-يىلى12- ئايغىچە كۇچا ناھىيە*** سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ،شىركەتتە باشقىلاردىن مەبلەغ يىغىپ ئىككىنچى قول ماشىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم باشقىلاردىن يىغقان مەبلەغدىن بۇلۇت چىقىمدانىغا مەبلەغ سېلىپ 500000 يۈەن زىيان تارتىپ باشقىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغاندىن كىيىن،تxبىلەن مەسلىھەتلىشىپ 2018- يىلى12- ئايدا تxىنى قانۇنى ۋەكىل قىلىپ كۇچا ناھىيە *** سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرغان،كۇچا ناھىيە *** سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرۇلغاندىن كىيىن،يx،تxلار 2018-يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدىن 2019-يىلى4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، ئۈندىدار توپلىرى، تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق كۇچا*** سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىگە مەبلەغ سالغۇچىلارغا يۇقۇرى نىسپەتتە پايدا ئايرىپ بېرىمىز دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،زىيانلانغۇچى بىلال مەمەتنىڭ 30000 يۈەن،مxنىڭ 30000 يۈەن،مxىنىڭ 38080 يۈەن، رxنىڭ 60000 يۈەن،تxنىڭ 100000يۈەن،ئەxنىڭ 95000 يۈەن،رxىنىڭ 70000 يۈەن،مx،يxنىڭ 200000 يۈەن،رxنىڭ 20000 يۈەن،ئاxنىڭ 23750 يۈەن،زxنىڭ 20000 يۈەن،ئاxنىڭ 100000 يۈەن، مxىنىڭ 100000 يۈەن،رxنىڭ 15000 يۈەن،يxنىڭ 20000 يۈەن،قxنىڭ 8000 يۈەن،تxنىڭ 10000 يۈەن،خxنىڭ 17200 يۈەن،رxنىڭ 28340 يۈەن،بxنىڭ 27000 يۈەن، پxنىڭ 15000مىڭ يۈەن،ھxنىڭ 13000 يۈەن،ئاxنىڭ 15000 يۈەن، نxىنىڭ 10000 يۈەن بۇلۇپ،جەمېئى 24 نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 1065370 يۈەن مەبلىغىنى قانۇنسىز توپلاپ ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن . 

ئىككىنچى : جاۋابكار يx 2016-يىلى 7-ئايدىن 2018-يىلى 12-ئايغىچە كۇچا ناھىيە*** سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرۇپ،شىركەتتە باشقىلاردىن مەبلەغ يىغىپ ئىككىنچى قول ماشىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەم باشقىلاردىن يىغقان مەبلەغدىن بۇلۇت چىقىمدانىغا مەبلەغ سېلىپ 500000 يۈەن زىيان تارتىپ باشقىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغاندىن كىيىن،تx بىلەن مەسلىھەتلىشىپ 2018-يىلى12- ئايدا تxىنى قانۇنى ۋەكىل قىلىپ كۇچا ناھىيە *** سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرغان،كۇچا ناھىيە *** سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنى قۇرۇلغاندىن كىيىن،يx،تxلار 2018-يىلى11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2019- يىلى4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ماشىنا ئەكەلتۈرۈپ بېرىمىز دەپ،ماشىنىلارنى سېتىپ چىقىرىپ بېرىمەن يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،زىيانلانغۇچى ئاxدىن 22000 يۈەن،تxدىن 25000 يۈەن،ئاxدىن 30000 يۈەن،مxدىن 33000 مىڭ يۈەن،ئەxدىن 25000 يۈەن،تxدىن 133500 يۈەن،ئەxدىن 103000 يۈەن، يxدىن 24000 يۈەن،نx 35000 يۈەن ئاxدىن 20000 يۈەن، مxىن 57000يۈەن،ئەxدىن13000يۈەن، ئەxىن 38000 يۈەن بۇلۇپ جەمئې 13 نەپەر زىيانلانغۇچىلاردىن 558500 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋلغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .

ئۈچۈنچى:جاۋابكار يx2017-يىلى5-ئايدىن2019-يىلى8- ئايغىچە، ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە،ھەرخىل تىپتىكى ماشىنا سېتىپ بېرىمەن دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرپ،زىيانلانغۇچى رxنىڭ 38000 يۈەن،شxنىڭ 60000 يۈەن،ئېxنىڭ 30000 يۈەن،تxنىڭ 81000 يۈەن،زxىنىڭ 28000 مىڭ يۈەن،مxنىڭ 29000 يۈەن،رxنىڭ 19800 يۈەن،سxنىڭ 14800 يۈەن،رxنىڭ 18000 يۈەن،ئاxىنىڭ 35000 يۈەن،مxنىڭ 76000 يۈەن،ئېxنىڭ 52000 يۈەن،رxنىڭ 82000 يۈەن،ئاxنىڭ 1000 يۈەن،ئاxنىڭ 2400 يۈەن،رxنىڭ 10800 يۈەن،ئۆxنىڭ 70000 يۈەن، قxنىڭ 18000 يۈەن،يxىڭ 13500 يۈەن بۇلۇپ جەمئې جەمىئې 19 نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 679300 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .     

تۆتىنچى : جاۋابكار يx 2018-يىلى 3-ئاي ۋە 2018-يىلى 11-ئاي مەزگىلىدە،قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە،زىيانلانغۇچى رx،مx،ئاxگە كۇچا ھەمكار سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىگە مەبلەغ سالسىڭىز يۇقۇرى نىسپەتتە پايدا ئايرىپ بېرىمەن دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،رxنىڭ 81000 يۈەن،مxنىڭ 31500 يۈەن،ئاxنىڭ 7000 يۈەن بۇلۇپ جەمئې ئۈچ نەپەر زىيانلانغۇچىلارنىڭ 119500 مىڭ يۈەن ئالداپ ئېلىۋالغان،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .  

يۇقارقى زىيانلانغۇچىلاردىن ئالداپ ئېلىنغان پۇللاردىن كۆپ قىسمىنى يx كەپتەر باقمىچىلىق قىلىش،ماياك سودا ئۇچۇر مەسلىھەت شىركىتىنى بېزەش ۋە ئىجارە ھەققىنى تۆلەش، شەخسى قەرزلىرىنى تۆلەش،ھەمكار سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىن قالغان ماشىنا ئېلىم-سېتىم جەريانىدا تارتقان زىيانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش،يۇقۇرى ئىستىمال قىلىپ خەجلەش ۋە قىمار ئويناش ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، قالغان 170000 يۈەن ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنى تx ئۆزىنىڭ شەخسى قەرزلىرىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىپ تۈگەتكەن .  

يىغىپ ئېيتقاندا،جاۋابكار يx ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ئۆزى يالغۇ ۋە تx بىلەن بىرلىشىپ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلغان قىلمىشىدىن مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،يxغا چېتىشلىق مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلغان سومما 1184870 يۈەن،تxغا چېتىشلىق مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلغان سومما 1065370 يۈەن بۇلۇپ، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .  

جاۋابكار يxىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەش مەقسىتىدە، ئۆزى يالغۇز ۋە تxبىلەن بىرلىشىپ ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ماشىنا ئەكەلتۈرۈپ بېرىمەن، ماشىننى ۋاكالىتەن سېتىشىپ بېرىمەن دەپ يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ،باشقىلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،يxغا چېتشىلىق ئالدامچىلىق سومما 1237800 يۈەن،تxىغا چېتىشلىق ئالدامچىلىق سومما 558500 يۈەن بۇلۇپ،دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

 يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار  ئىسپاتلايدۇ .

دىمەك، يx ۋە تxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن مەبلەغ توپلاپ ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى،ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ،دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق  بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارلارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار يxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ192-ماددا3-تارماق،266-ماددا3-تارماق،25-ماددا،26-ماددا،69-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، جاۋابكار تۇرغۇن توختىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ192- ماددا3-تارماق،266-ماددا3-تارماق،25-ماددا،27-ماددا،67-مادددا1-تارماق،69-ماددىسىنىڭ جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ « جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. 

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت 

                         2020- يىلى 05-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار يx قولغا ئېلىنغان بولۇپ،كۇچا ناھىيىلىك قاماقخانىدا،جاۋابكار تx ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە . 

2. يەتتە توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 14 نۇسخا ئەيىبنامە ، 4 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .       

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top