شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 【2020】 819 -نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
1.جاۋابكار يX ،ئەر،ئۇيغۇر، 2001-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529232001، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى ئاشپەز ، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا ناھىيە ** يۇلى **-نۇمۇر **-بىنا **-ئىشىك **- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020 –يىلى04– ئاينىڭ 17-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. 2020-يىلى09-ئاينىڭ 21-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
2.جاۋابكار ئاX ،ئەر،ئۇيغۇر، 1998-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529231998تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ،شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن،ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا ناھىيە ** بازار ** مەھللە **گوورپ **-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020 –يىلى04– ئاينىڭ 17-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە. 2020-يىلى09-ئاينىڭ 21-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 【2020】387-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار يx،ئاxخەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
جاۋابكار يx 2020-يىلى04-ئاينىڭ09-كۈنى23:30 ئەتراپىدا ئاغىنىسى ئەX ،شX ،تX قاتارلىقلار**بازار ** كەنتتە شX نىڭ ئۈيىدە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، 04-ئاينىڭ10-كۈنى سائەت02:00 ئەتراپىدا يX سۇرۇندىن چىقىپ،شۇ ئاغىنىسى تXنىڭ ئۈيىگە كىرىپ ئاX،قX،تX ،ئX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچكەندىن كىيىن،سائەت07:00 ئەتراپىدا سۇرۇندىن چىقىپ، ئاX ئاغىنىسى تXنى ** كەنتتىكى ئۈيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ئX نىڭ新N****A نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسغا يX،تX،قX قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، مەس ھالەتتە ھەيدەپ مىڭىپ ** يۇلى**كەنت يول ئېغىزىدا تXنى چۈشۈرۈپ قويغاندىن كىيىن،شۇ يول ئېغىزىدىكى ھاراق ئېلىپ ماشىنىنى ھەيدەپ *** بازار***-كەنت تەۋەلىكىدىكى ئېتىز بۇيىدا ماشىنىنى توختىتپ ماشىنا ئىچىدە ھاراق ئىچكەندىن كىيىن سائەت07:10ئەتراپىدا ئX ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ماشىنىنى ھەيدەپ **بازار *** كەنت كومتىتى ئالدىغا ماشىندىن چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن،يXشۇ يەردە ماشىنىغا تXنى چىقىرىپ ***كەنتكە ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن ھەيدەپ ***كەنت كومتىتى ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن،تX ماشىنىنى ھەيدەپ بېقىش ئۈچۈن يX بىلەن ئالمىشىپ新N****A نۇمۇرلۇق ماشىنىنى **كەنت يۇلىدا 200مىتىرچە ھەيدەپ كەنىت كومتىتى ئالدىدا ماشىندىن چۈشۈپ قالغان سائەت10:10مىنۇتلار ئەتراپىدا يX قايتىپ كىتىش ئۈچۈن新N**** نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ***كەنت يۇلىدا شىمال-جەنۇپ يۆلىنشتە ھەيدەپ مېڭىپ ھادىسە مەشغۇلات خاتالىقى تۈپەيلىدىن ماشىنىنى كونتىرول قىلالماي يول بۇيىدىكى دەرەخكە سۇقۇلۇپ كەتكەن،نەتىجىدە بىر قاتناش ۋاسىتىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، يXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml 179.7mgدەپ باھالاپ بېكىتكەن. ئXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml 125.4mgدەپ باھالاپ بېكىتكەن
يۇقارقى پاكىتىنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى،ئېنىقلاپ-تەكشۈرۈش خاتىرسى، سۈرەت قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
دىمەك،جاۋابكار يX،ئXىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار يX،ئXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسى، 67- ماددا3- تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ياسىن رۇزى
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار يX،ئX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论