توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1- بۆلۈم ئەيىپلەش [2020] 188 -نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار ي**، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2019********652123 تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى: **، سىياسىي قىياپىتى: ئامما، نوپۇس تۇرۇشلۇق ھەم ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ** ناھىيە **بازار ** كەنت *-گورۇپپا ***-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان.
جاۋاپكار ي** ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى توقسۇن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىللىككە بېرىلگەن.
توقسۇن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ي** جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن دېلو پاكىتى
1.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، جاۋاپكار ي** شىرىكى ج**(دىلو سادىر قىلغاندا 13 ياش، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)بىلەن بىرگە ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، ئىككىسى توقسۇن ناھىيە **بازار **كەنت *-گورۇپپا ئەزاسى م**نىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا ئاچقۇچى بىلەن توختىتىپ قويغان قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق تەييۈەن(太原) ماركىلىق 540 يۈەن قىممىتىدىكى توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ ** بازار **،** تۇپا يولنىڭ بۇيىدىكى ئېتىزلىققا يوشۇرۇپ قويغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن توكسىكىلىت ئىگىسگە قايتىپ كەلدى.
2.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋاپكار ي**،ج** بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، توقسۇن ناھىيە ** بازار **كەنت 1-گورۇپپا ئەزاسى ئى**نىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ئاچقۇچى بىلەن توختىتىپ قويغان، ئىككى چاقلىق قارا رەڭلىك ۋۇشىڭ فۇتىيەن (五星福田) ماركىلىق 900يۈەن قىممىتىدىكى موتوسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ، توقسۇن ناھىيە**بازار** ئەتراپىدىكى مەھەللىنىڭ باش تەرىپىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئورمانغا يوشۇرۇپ قويغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن موتوسىكىلىت ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى.
3.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، جاۋاپكار ي**، ج** بىلەن ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، توقسۇن ناھىيە ** بازار ** كەنت *-گورۇپپا ئەزاسى ز**نىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا ئاچقۇچى بىلەن توختىتىپ قۇيغان ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك توكتا ھەم مايدا ماڭىدىغان شىڭيۆ شىن(星月神)ماركىلىق 2923يۈەن قىممىتىدىكى توكسىكىلىتنى،توقسۇن ناھىيە**بازار **تەرەپتىكى دەرەخلەرنىڭ ئارسىغا يوشۇرۇپ قويغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن توكسىكىلىت ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى.
4.2020-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، جاۋاپكار ي** بىلەن ج** ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، توقسۇن ناھىيە** بازار** 4-گورۇپپا ئەزاسى ھ**نىڭ دۇكىنىغا بىرىپ، جاۋاپكار ي** دۇكاننىڭ سىرتىدا ئەتراپنى كۆزىتىپ ساقلاپ تۇرغان، ج** دۇكاننىڭ دېرىزىسىنىڭ سول تەرەپ قوۋۇقىدىكى سىم تورنى يىرتىپ، دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ، جەمئى 586يۈەن نەق پۇل، 9قاپ 144يۈەن قىممىتىدىكى نەنجىڭ(南京) ماركىلىق ئىنچىكە تاماكا، 1قاپ 10يۈەن قىممىتىدىكى زىيۈن(紫云) ماركىلىق تاماكا، 1قاپ 11يۈەن قىممىتىدىكى خۇۋاڭ جىنيې(黄金叶) ماركىلىق تاماكا قاتارلىقلارنى ئوغۇرلاپ چىقىپ، نەق پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، تاماكىنى چىكىپ تۈگەتكەن.
جاۋاپكار ي** باشقىلار بىلەن تۆت قېتىم ئۇغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ ئومومى كەلتۇرگەن زىيان 5114يۈەن،دېلو پاش بولغاندىن 751 يۈەن ئەسلىگە كەلمىدى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: دېلو قۇبۇل قىلىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى، دېلو تۇرغۇزۇش قارارى، نوپوس ئىسپاتلىقى، دېلونىڭ پاش بۇلۇش جەريانى قاتارلىق يازما ئىسپاتلار؛ جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، توقسۇن ناھىيەلىك مال-باھا بىكىتىش ئورنىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بويۇملارنى باھالاش يەكۈنى، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلەر .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ي** شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ي**نىڭ قانۇنسىز ئىگەنلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ مال- مۈلكىنى ئىلىۋېلىش قىلمىشى قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264–ماددىسىغا خىلاپ بولۇپ،قىلمىشىدىن ئوغرۇلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، جاۋاپكار ي**نى ئوغرۇلۇق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك بولۇپ، جاۋابكارغا 10 ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ بىر يىل كىچىكتۇرۇش قوشۇمچە 2000 يۈەن شتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز.
شۇڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسى،214-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش:رەيھانگۇل كىرەم
2020- يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
قۇشۇمچە:
1.جاۋاپكار ي** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە.
2.دىلو ج خ توپلىمى بىر توپلام، تەپتىش توپلام بىر توپلام بىرگە يوللاندى.
3.«جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论