شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 285- نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار يۈxx، ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : 6529011992xxxxxxxx ، يۇرتى: ئاقسۇ شەھرى، ئاقسۇ شەھەر xx بازار xx-كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، تامچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى (2020)1151- نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ، جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ھەم ئاقلىنىش ھۇقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سورىغاندىن كېيىن مەزكۇر دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جىنايەت گۇماندارى يۈxxن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 9:30 لار ئەتىراپىدا xx بازار xx-كەنىت xx-گۇرۇپتىكى موxxمنىڭ ئۈيىگە تېمنى سۇۋاپ بىرىش ئۈچۈن بېرىپ، ئىشنى باشلاپ بولغۇچە موxxنىڭ ھويلسىدىكى كارۋاتتا ئولتۇرۇپ زىيانلانغۇچى موxxنىڭ ئايالى ئاxxنىڭ ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدىكى رامغا ئېسىقلىق چاپاننىڭ يانچۇقىغا بىر كاللەك پۇلنى سېلىپ قويغانلقنى كۈرۈپ، شۇ كۈنى سائەت 14:30 لار ئەتىراپىدا پۇل ساقلاقلىق ئۈيگە بالسىنى ئۇخلۇتۇش ئۈچۈن كىرىپ، ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ چاپاننىڭ يانچۇقىدىكى بىر كاللەك پۇلدىن 3100 پۇلنى ئوغۇرلاپ كەتكەن بۇلۇپ، دىلپ پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى دىلودىكى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز جاۋاپكار يۈxxنىڭ پۇقرالارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار يۈxx مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان جىنايەت پاكىتى ۋە جىنايەت نامىنى ئىتىراپ قىلىپ جىنايىتنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار يۈxxنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ھۈسەنجان موللىمىن
مۇۋەققەت تەپتىش: ئابدۇسالام تۇرسۇن
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئىزاھات:
(1) جاۋاپكار ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : 1824094xxxx ، 1377944xxxx
(2) 8 نۇسقا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى ، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىبنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论