欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某涉嫌诈骗案)

2021-09-21 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

 ك  ش ت ج  ئەيىبلەش  (2020) 255-نۇمۇرلۇق

   جاۋاپكار يXX، ئەر، 1995-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6528011995 ، ئۇيغۇر، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە تۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى XX يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپ XXمەھەللىسى XX-بىنا XX-ئىشىك XX-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، ئەتىسى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان، ھازىر كورلا شەھەرلىك قاماقخانىغا قاماقلىق. 

   كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار يXXنىڭ كىردىرىت كارتسى ئالدامچىلىق جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەم پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۇپ دىلودا دەلىل-ئىسپات  تولۇقلاش زۇرۇرىيىتى بار دەپ قاراپ دىلونى ئىككى قېتىم كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشى ئۈچۈن قايتۇردۇق، بۇ جەرياندا دىلو بىجىرىش سۇرىگىنى 3 قېتىم ئۇزارتتۇق.

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە: 

جاۋاپكار يXX ئالدامچىلىق قىلىپ پۇل تىېپىش مەقستىدە، ئۆزىنىڭ shXXXX نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىىنىڭ باش سۆرىتىگە، قىز بالىنىڭ باش سۆرىتىنى، ئۈندىدار ئىسمىغا ئاXX ( ئارقىدىن كىيىنكى بېكەت دىگەن ئىسىمغا ئالماتۇرغان ) دەپ كىرگۈزۈپ، قىزبالا قىياپىتىگە كىرۋىلىپ، دوسلار چەمبىرىكىگە بانكا قەرىز بىجىرىپ بىرىمەن، پۇل لازىملار مىنى ئىزدەڭلادەپ،باشقىلارنىڭ بانكىدىن مۇھاپىقىيەتلىق قەرىز ئالغانلىقى توغىرسىدىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ رەسىملىرىنى، تەن تەن دوسلىشىش دىتالىدىن چۈشۈرگەن قىز  بالىنىڭ رەسىمىنى چەنبىرەككە چىقىرىپ، ئەتىراپدىكى ئادەملەر ئىقتىدارى ئارقىلىق ئادەم قوشقان،قۇشۇلغان ئادەملەر ئارقىلىق ئۈندىدار ئۇچۇر توپلىرىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ قەرىز بىجىرەلەيدىغالىقى توغىرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق  قەرىز بىجرىمەكچى بولغانلارغا قەرىز بىجرىىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغان .

1) جاۋاپكار يXX 2018-يىلى يىل ئاخىرى ئۆزى ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئۈندىدار ئارقىلىق ، قارشەر ئۇچۇر تورىغا « پۇل لازىملار مېنى قۇشۇڭلار ، قەرىز بىرىپ بېرىمەن » دىگەن مەزمۇندا ئۇچۇر يوللىغاندىن  كىين كورلا شەھەر XXمەھەلسى XX-بىنا XX-نۇمۇردا تۇرۇشلۇق، زىيانلانغۇچى ئەXX كۆرۈپ، يXXنى ئۈندىدارىغا قۇشۇپ پاراڭلاشقان، جاۋاپكار يXX ئىسمىنى ئالىيە ، كورلا شەھەرلىك 1-ئوتتۇا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن، بانكىدا تۇنۇشلىرىم بار، قەرىز بىجىرىپ بېرەلەيمەن دەپ ئالداپ، ئەXXنىڭ بانكا ئىناۋىتىنى تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن  ئۇنىڭ بانكا كارتىسى ۋە كىملىگىنىڭ رەسىملىرىنى، تېلىفۇن نۇمۇرىنىقولغا چۈشۈرىۋالغاندىن كىيىن، يۇقارقى ئۇچۇرلار ئارقىلىق زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ نامىدا چىقىمدان ئىلتىماس قىلىپ، ئەXXنىڭ تېلىفۇنىغا كەلگەن مەخپىي نۇمۇر ( يەنجېڭما ) نى ئۆزىگە ئېۋەتىپ بېرىشنى، بانكا ئىناۋىتىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالداپ، زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ چىقىمدانىنى ئېچىپ ، چىقمدانغا زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ بانكا كارتىسىنى باغلاپ،  بانكا كارتىسىدىكى جەمئىي 5000 يۈەن پۇلنى ، ئزىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ نامىدىكى چىقىمدانىغا يۆتكىگەندىن كىيىن، جاۋاپكار ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ مەشغۇلات قىلىپ ، ئەXXنىڭ 5000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىپ، پۇلنى قەرىز قايتۇرۇپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. دىلونىڭ قىممىتى 5000 مىڭ يۈەن.

2) جاۋاپكار يXX تارقاتقان قەرىز بىجرىش توغىرسىدىكى ئۇچۇرنى ، زىيانلانغۇچى ئاXX كۆرگەندىن كىيىن ، 2019-يىلى 2-ئايدا ، قەرىز بىجىرمەكچى بۇلۇپ، جاۋاپكار يXXنىڭ ئالىيە ئىسىملىك ئۈندىدارىنى قۇشۇپ پاراڭلاشقان، جاۋاپكار يXX ئۈندىداردا ئۆزىنى ئۇقۇتقۇچى ، ئسمىم ئالىيە دەپ، زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئىناۋىتىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى،كىملىك، بانكا كارتىلىرىنى رەسىمىنى قولغان چۈشۈرىۋالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ نامىدا چىقىمدا ئىلتىماس قىلىپ، تېلىفۇنىغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئىناۋىتىنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئالداپ قولغا چۈشۈرىۋالغاندىن كىيىن، ئاXXنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلىنغان چىقىمداننى ئېچىپ، چىقىمدانغا ئاXXنىڭ بانكا كارتىسىنى باغلىغاندىن كىيىن، ئاXXكە قەرىز پۇلىڭىز تەستىقلاندى، كارتىڭىزغا رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 3500 يۈەن پۇل سېلىڭ دەپ پۇل سالدۇرۇرۇپ، ئاXXنىڭ چىقىمدانى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىپ، پۇلنى ئاXXنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ، ئاندىن ئاXXنىڭ چىقىمدانى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ ، پۇللارنى ئۆزى ئىشلىتىپ قەرىز قايتۇرۇپ تۈگەتكەن، بۇ جەرياندا جاۋاپكار يXX، ئاXXكە ئۈندىدارىڭىزنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئېيتىپ بېرىڭ، ئىناۋىتىڭىزنى تەكشۈرەيمىز دىگەن باھانە بىلەن ئاXXنىڭ ئۈندىدار مەخپىي نۇمۇرىنى قولغا چۈشۈرىۋىلىپ، ئۇنىڭئۈندىدارنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئادەملەرگە ئاXXنىڭ نامىدا « جىددىي پۇل لازىم بۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇچۇر يوللاپ، ئاXXنىڭ دوسىتى ھXXگە 2200 يۈەن ئەۋەتكۈزۈپ،ئاXXنىڭ ئۈندىدارىغا ئارقىلىپ ئاXXنىڭ بانكا كارتىسىغا يۆتكەپ، چىقىمدانى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. دىلونىڭ قىممىتى 5700 مىڭ يۈەن.

3) 2019-يىلى 3-ئايدا جاۋاپكار يXX تارقاتقان قەرىز بىجرىش توغىرسىدىكى ئۇچۇرنى،زىيانلانغۇچى يXX كۆرگەندىن كىيىن قەرىز بىجىرمەكچى بۇلۇپ، جاۋاپكار يXXنىڭ ئالىيە ئىسىملىك ئۈندىدارىنى قۇشۇپ پاراڭلاشقان، جاۋاپكار ئۆزىنى جۇڭگۇ خەلق بانكىسىدا ئىشلەيمەن، ئسمىم ئالىيە دەپ، زىيانلانغۇچى يXXنىڭ ئىناۋىتىنى تەكشۈرتەكشۈرگەنلىگىنى، يXXقا 200 مىڭ يۈەن قەرىز بىجرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قەرىز ئىلتىماس قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ  ئۇنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى، كىملىك، بانكا كارتىلىرىنىڭ رەسىمىنى قولغان چۈشۈرىۋالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ نامىدا چىقىمدا ئىلتىماس قىلىپ، تېلىفۇنىغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى ئۆزىگە ئېۋەتىپ بەرسىلا قەرىز پۇل چۈشىدۇ دەپ ئالداپ ، چىقىمدان ئېچىش مەخپىي نۇمۇرىنى قولغا چۈشۈرۈۋىلىپ، زىيانلانغۇچى يXXنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلىنغان چىقىمداننى ئېچىپ، چىقىمدانغا زىيانلانغۇچى يXXنىڭ بانكا كارتىسىنى باغلىغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى يXXقا قەرىز پۇلىڭىز تەستىقلاندى، كارتىڭىزغا رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 2400 يۈەن پۇل سېلىڭ دەپ پۇل سالدۇرۇپ، پۇلنى زىيانلانغۇچى يXXنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ، چىقىمدان ئارقىلىق  پۇلنى، جڧاۋاپكار  ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ،  قەرىز قايتۇرۇپ خەجلەپ تۈگەتكەن، كىيىن زىيانلانغۇچى يXXقا ، رەسمىيەت ھەققىڭىز يەتمەيدىكەن، كارتىڭىزغا يەنە 3500 يۈەن پۇل سېلىڭ، پۇلنى تۆلىسڭىزلا قەرىز پۇلىڭىز قولىڭىزغا تىگىدۇ دەپ ئالداپ،زىيانلانغۇچى يXXنى كارتىسىغا 3500 يۈەن سالدۇرغاندىن كىيىن، ئوخشاش ئۇسۇلدا يXXنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنى يۆتكەپ ئېلىپ ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. دىلونىڭ قىممىتى 5900 مىڭ يۈەن.

4) 2019-يىلى 2-ئايلاردا ، زىيانلانغۇچى يXXئۈندىداردا ،جاۋاپكار يXنىڭ تارقاتقان قەرىز بىجرىش توغىرسىدىكى ئۈچۇرنى كۆرۈپ، قەرىز بىجىرمەكچى بۇلۇپ، جاۋاپكار يXXنىڭ ئالىيە ئىسىملىك ئۈندارىنى قۇشۇپ پاراڭلاشقان، جاۋاپكار يXX ئۆزىنى ئۇقۇتقۇچى، بانكىدا تۇنۇشۇم بار دەپ ئالداپ، زىيانلانغۇچى يXXنىڭ ئىناۋىتىنى تەكشۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى،بانكا كارتىسى كىملىگىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى، قولغا چۈشۈرىۋىلىپ، ئۇنىڭ چىقىمدانىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىپ، زىيانلانغۇچى يXXئۇنىڭغا ئېۋەتىپ بەرگەن ئۈچ تال بانكا كارتىسىنى چىقىمندانغا باغلىغاندىن كىين، 2019-يىلى 5-ئايغىچە، زىيانلانغۇچى يXXنىڭ كارتىسىدىكى 129502 يۈەن پۇلنى چىقىمدانغا يۆتكەپ، جاۋاپكار ئۆزىنىڭ ۋە باشقا زىيانلانغۇچىلارنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ ئېلىۋىلىپ، ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنىڭ 70مىڭ يۈەنگە، بىر دانە كىيا ماركىلىق ماشىنا سېتىۋالغان، قالغان پۇلنى قەرىز قايتۇرۇپ، ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. دىلونىڭ قىممىتى 129502 مىڭ يۈەن.

5) 2019-يىلى 2-ئايدا، زىيانلانغۇچى ۋXX ئۈندىداردا قەزىر بىجرىمىز دىگەن ئۈچۇرنى كۆرۈپ، جاۋاپكار يXXنىڭ ئالىيە ئىسىملىك ئۈندارىنى قۇشۇپ پاراڭلاشقان ،جاۋاپكار يXX ئۆزىنى ئۇقۇتقۇچى بانكىدا تۇنۇشۇم بار دەپ ئالداپ،  زىيانلانغۇچى ۋXXنىڭ ئىناۋىتىنى تەكشۈرەشنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرى ، بانكا كارتىسى كىملىگىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى، قولغا چۈشۈرىۋىلىپ ، ۋXXنىڭ چىقىمدانىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا كورلا شەھەرXX يولىدىكى سودا سانائەت بانكىسى ئالدىغا بېرىشنى ئىچىدىن خىزمەتچى خادىملار چىقىپ قەرىز بىجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋXXغا رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن بانكا كارتىسىغا پۇل قۇيۇشنى ئېيىتقان، ۋXX كارتىسىغا پۇل قويغاندىن كىيىن، ۋXXنىڭ چىقىمدانى ئارقىلىق بانكا كارتىسىدىكى 2000 يۈەن پۇلنى يۆتكەپ ئېلىۋالغان، ئاندىن ۋXX كارتىسىدىكى قالغان پۇلنى ئۈندىدارىغا يۆتكىۋىلىپ، جاۋاپكار يXXبىلەن ئالاقىلشقان، جاۋاپكار يXX رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن كارتىسىغا يەنە 250 يۈەن پۇل قۇيۇشنى ئېيتىپ ، ۋXX كارتىسىغا يۆتكىگەن 250 يۈەننىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا يۆتكەپ ئېلىۋالغان.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. دىلونىڭ قىممىتى 2250 مىڭ يۈەن.

6) 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، زىيانلانغۇچى ئەXXئۈندىداردا قەزىر بىجرىمىز دىگەن ئۈچۇرنى كۆرۈپ، جاۋاپكار يXXنىڭ ئالىيە ئىسىملىك ئۈندارىنى قۇشۇپ پاراڭلاشقان، جاۋاپكار يXX ئىسمىم ئالىيە،بانكىدا تۇنۇشلرىم بار قەرىز بىجىرىپ بىرەلەيمەن دەپ ىيانلانغۇچى ئەXXنى ئالداپ، ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى باھەنە قىلىپ،ىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ بانكا كارتا،كىملىك، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرىۋالغاندىن كىيىن، ىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرىۋىلىپ، ئۇنىڭ چىقىمدان مەخپىي نۇمۇرىنى سوراپ بىلىۋىلىپ، ئەXXنىڭ چىقىمدانى ئارقىلىق ئەXXنىڭ بانكا كارتىسىدىكى 2000  يۈەن پۇلىنى  يۆتكەپ ئېلىۋىلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. دىلونىڭ قىممىتى 2000  مىڭ يۈەن.

7) 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ، زىيانلانغۇچى نXX ئۈندىدار نۇمۇرى shXXXX بولغان قىز بالىنىڭ ئۈندار توپىغا بانكا قەرزى بىجىرىمەن دەپ يوللىغان ئۈچۇرىنى كۆرۈپ، جاۋاپكار يXX ئىسمىم ئالىيە ، ئوقۇتقۇچى، بانكىدا تۇنۇشلرىم بار قەرىز بىجىرىپ بىرەلەيمەن دەپ ئالداپ، ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى تەكشۈرەيدىغانلىقىنى باھەنە قىلىپ، ئۇنىڭ بانكا كارتا ، كىملىك، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرىۋالغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى نXXنىڭ نامىدا چىقىمدان ئىلتىماس قىلىپ، نXXغا تېلىفۇنىغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇردىكى چىقىمدان ئېچىش مەخپىي نۇمۇرىنى سوراپ بىلىۋىلىپ،بانكا كارتىسىدىن، چىقىمدانى ئارقىلىق ،  بەش قېتىمدا 5000 يۈەننى يۆتكەپ ئېلىۋىلىپ پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن،دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتى زىيانلانغۇچىنىڭ ئىقتىسادى زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن. دىلونىڭ قىممىتى 5000  مىڭ يۈەن.

 دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىياننىڭ ھەممىسى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن، دىلونىڭ ئومۇمئى قىممىتى: 155352 يۈەن.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپاتلار، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

    يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار يXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار يXXنىڭ تورۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ، قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن باشقىلارنىڭ كىردىرىت سالاھىيەت ئۇچۇرماتىريالىغا ئىرىشىپ، كۆپ قېتىمدا باشقىلارنىڭ بانكا كارتسىى ئىچىدىكى جەمىئى 155352 يۈەن پۇلىنى يۆتكەپ ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن قىلمىشى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 196-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، كىردىرىت كارتسى ئالدامچىلىقى جىنايىتى بۇيىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن:

                           كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                           

                                   تەپتىش : يۈسۈپجان مەھەممەت

                                2020-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى    

ئەسكەرتىش:

(1) جاۋاپكار كورلا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا . 

 (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى 5 توپلام، 10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top