欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某涉嫌盗窃案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-24 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕xx号 

        شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

   ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ                                       ئەيىبنامىسى 

ئۇ ن ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2020)xx–نومۇرلۇق 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار يxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxx، xx ناھىيەسىدىن، قامىلىشتىن ئىلگىرى xx ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، بىزەكچى، 2019-يىلى xx ئۆلكىسى xx شەھىرى xx رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قولغا ئېلىنغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار يxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دەۋا ۋاكالەتىچىسىگە ھاۋالە قىلىش ھوقوقى قاتارلىق داۋا ھوقوقلىرىنى ۋە جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتكەن پاكىت

جاۋابكار  يXX  2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىش مەقسىتىدە XX ناھىيە بازىرى خەلق مەيدانىدىكى يىجىڭ گۈللۈك ئولتۇراق رايونى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ چېتىگە توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ بىردانە 300 يۈەن قىمىتىدىكى كۈلرەڭ مۇسابىقە ۋېلىستىپىتىنىڭ قۇلپىسىنى چېقىپ ۋېلىستىپىتنى ئوغۇرلاپ شۇ كۈنى كېچىدە ئاغىنىسى سەXXنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سەXXغا بۇ مېنىڭ ئاكامنىڭ ۋېلىستىپىتى ئىدى دەپ يالغان گەپ قىلىپ ئوغۇرلاپ كەلگەن ۋېلىستىپىتنى سەXXغا 250 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.

 جاۋابكار يXX 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 22:30 ئەتراپىدا XX ناھىيەلىك XX -ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى پىيادىلەر يولىغا توختۇتۇپ قويۇلغان زىيانلانغۇچى مXXنىڭ 3000 يۈەن قىمىتىدىكى كۆك رەڭلىك توكسىكىلىتىنى ئوغرىلاپ، توكسىكىلىتنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغان ئاچقۇچىنى ئىشلىتىپ توكسىكىلىتنى ھەيدەپ كەتكەن ھەم ئەتىسى يەنى 2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى ئاXXغا 1000 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار يXX  2020-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا ئۆزى يالغۇز XX ناھىيە كونا سەي بازىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يول بويىغا توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى نXXنىڭ قىزىل رەڭلىك ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھەم ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا بىردانە ئاق رەڭلىك قول سومكىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ سومكىنى ئوغۇرلاش مەقسىتىدە، قولىنى ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن كىرگۈزۈپ سومكىنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ مېڭىپ XX ناھىيەلىك XX-يەسلىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىغا كىرىپ شۇ يەردە ئوغۇرلاپ كەلگەن سومكىنى ئېچىپ ئىچىدە يۈز يۈەنلىكتىن ئىككى باغلام پۇل بارلىقىنى كۆرۈپ، بىر باغلام پۇلنى ئېلىپ ساناۋاتقاندا، ئارقىسىدىن ئادەم كەلگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراپ بىر ئادەمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بايقىلىپ قېلىشىتىن ئەنسىرەپ قولىغا ئېلىپ سانىغان 900 يۈەن پۇلنى ئېلىۋېلىپ قالغان 16100 يۈەن پۇل بار سومكىنى شۇ يەردىكى بىر موتوسىكىلىتنىڭ كۆرۈش ئەينىكىگە ئېسىپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن 16100 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، قالغان 900 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھا بېكىتىش ئىدارىسىنىڭ (2020)XX-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا «يXX ئوغۇرلىغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ باھاسىنى 3000 يۈەن»دەپ يەكۈن چىقارغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك باھا بېكىتىش ئىدارىسىنىڭ (2020)XX-نومۇرلۇق باھالاشنامىسىدا «يXX ئوغۇرلىغان ۋېلىستىپىتنىڭ باھاسىنى 300 يۈەن»دەپ يەكۈن چىقارغان.

  يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار يXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار يXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يوشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ، جاۋابكار يXX ئىلگىرى قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان بولۇپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتا جىنايەت سادىر قىلغان تەكرار جىنايەتچى، پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقوقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، جىنايىتىنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن ئىجتىمائى تەسىرى ۋە خەۋپى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەندى.

تەپتىش: ئايشەمگۈل ئابدۇسەمەت

پۈتۈكچى: ئادىلجان ئابلىتىپ

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

ئىزاھات: (1) 12نۇسخا ئەيىپنامە، ئىككى توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.

(2) جاۋابكار ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

               (3) جىنايىتىنى تونۇش، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top