شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) 373-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1995-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6529221995، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئونسۇ ناھىيە XX بازار XX كەنت XX-مەھەللە XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار يXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلودا ئاددى تەرتىپى قوللۇنۇشقا قۇشۇلىدۇ.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار يXX 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 3 دىن 38 مىنۇت ئەتىراپىدا، مەست ھالەتتە 新NXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتۇموبىلىغا رXXنى چىقىرىپ ھەيدەپ، ئونسۇ ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-مەھەللە يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا، ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار يXXنىڭ ۋېنا قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى mg/100ml 104.87 چىققان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار يXXنىڭ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتىنى شەكىللەندۈردۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.
جاۋاپكار يXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار يXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خالمۇرات ئىسلام
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنياز
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسخا جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋابكار يXX ھازىرئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论