شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 489- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار ي **، ئەر ،ئۇيغۇر،** – يىلى ** – ئاينىڭ ** – كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك گۇۋانامە نۇمۇرى**********65292319. تۇلۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، كەسپى دېھقان ،كۇچا ناھىيسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى : شىنجاڭ كۇچا ناھىيە ** يېزا ** كەنىت 2-گورۇپپا 159-نومۇر ، ھازىرقى ئولتۇرغى : كۇچا ناھىيە ** ئولتۇراق رايۇنى 4-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئىجارە ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى01–ئاينىڭ 18-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، 2020-يىلى01-ئاينىڭ 26-كۈنى تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلسىدە .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى 〔2020〕155 -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار ي **نىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش دېلوسىنى 2020-يىلى 05- ئاينىڭ 26-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۈق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ي **2020-يىلى01-ئاينىڭ17-كۈنى سائەت 23:30لەر ئەتىراپىدا ئۈزى يالغۇز ** ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىكى قاۋاقخانىدا‹‹جىڭ جۇ››ماركىلىق350گىراملىق قىزىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا سېتۋېلىپ ئىچكەندىن كىيىن،1-ئاينىڭ18-كۈنى سائەت01:00لەردە ھاراق ئىچكەن دۇكاندىن چىقىپ،ئۆزى ھەيدەپ كىلىپ شۇ دۇكان ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويغان ‹‹خوندا ماركىلىق››ئاق رەڭلىك*****新Nنومۇرلۇق ئائىلە ماشىنىسنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا چىقىپ ئۇخلاپ تەخمىنەن سەھەر سائەت 06:30لەر ئەتراپىدا ئۈيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن پىراۋىسىز ھالەتتە ماشىنىسىنى كۇچا ناھىيە چاڭئەن يولىدا شىمالدىن – جەنۇپ يۆنىلىشىدە ھەيدەپ مېڭىپ ** يۇلى خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ماشىنىنى كونتىرول قىلالماي يولدىكى دەرەخكە سۇقىۋەتكەن،نەتىجىدە بىر قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان .
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا، ي **نىڭ ۋېنا تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100ml 118 دەپ باھالانغان .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ–تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دىمەك،جاۋابكار ي **نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋاپكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش- تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر،راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار ي **غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددا 1-تارماق2-تارماقچىسىنىڭ ، 67- ماددا3- تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ ،«جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھۆرىيەت تۇردى
2020- يىلى 06- ئاينىڭ 02- كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كىسىم قىلىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلىق ئېتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论