欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(玉某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                       ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 290–نۇمۇرلۇق

باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ھXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:XXXXXXXXXX 652926، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، * ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلىلككە بىرىلگەن.

باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى بۇ دېلونى تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 10-كۈنى(2020) 5-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ھ2020XX-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى 22 لەر ئەتىراپىدا، ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 新NXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتۇمبىلنى مەس ھالەتتە، باي ناھىيە XX يېزا XX- كەنت XX-گۇرۇپ يول بۆلىكىنى بويلاپ غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، XX-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە، قارشى يۆنىلىشتە كىلىۋاتقان 新NXXXXX نۇمۇرلۇق تاكسى بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن، باي ناھيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى ھادىسە ئوتتۇرا ئەتىرىتى ساقچىلىرى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.

شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددىي بۇيۇم ئەدلىيلىك باھالاش ئورنى ((2020) 5057-نومۇرلۇق ئەدىلىيەلىك باھالاش پىكىرنامىسى ئارقىلىق « ھXXنىڭ قان سۇيۇقلىقىدا ئالكوگول تەركىبى بايقالدى، ھەر 100 مىللىتىر قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئالكوگول مىقدارى 237.36 مىللىگرام » دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى ئسپاتلايدىغان دەلىل– ئسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىرىيالى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ھXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل–ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست بىكىتشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- تارماق بەلگلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك دەپ قارىدى، بۇ جىنايەتكە قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا «تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شىتىراف قويۇش جازاسى»دىن ئىبارەت، جاۋابكارغا جازا ئۆلچەشتە، جاۋابكارنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، قان سۇيۇقلۇقىدا بايقالغان ئالكوگول مىقدارى، ئاپتۇمبلىنى مەس ھالەتتە ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلغان يول شارائىتى ۋە ھەيدەش ئارلىقى، ئاپتۇمبلىنى مەس ھالەتتە ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلغان، باشقىلارنىڭ زىينىنى تولۇق تۆلەپ بىرىپ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسى ۋە «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالى خەلق تەپتىشمەھكىمىسى، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنستىرلىكىنىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدەش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىجىرشىتە قانۇننى تەدبىقلاش جەھەتتىكى بىر قانچە مەسلە ھەققىدىكى پىكرى» نىڭ 1-تارماق 1-، 2-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋابكار ھXXكە 4 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 7000.00 يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بىرىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمىز.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

                       تەپتىش : ئىسراپىل ئىسكەندەر

مۇۋەققەت تەپتىش : ئاينۇر مولنىياز

     2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئىزاھات :

1.​ بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، ئۈچ دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.

2.​ جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top