شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 1082 -نومۇرلۇق
كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار يX ، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529231996، ئوتتورا تېخنىكوم مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: كۇچا شەھەر ** بازار ** كەنت *-گورۇپ **-نۇمۇر ، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۇنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 530-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار يXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دىلوسىنى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 07-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى تىز كېسىم تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قۇشۇلدى، يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق:
جاۋابكار يX 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 08-كۈنى كەچ سائەت23:00لەر ئەتراپىدا كۇچا شەھەر * بازار ئىچىدىكى‹‹ئەنجۈر باغ››رىستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاغىنىسى ئاXنىڭ تويىدا 150 گىرامدەك ئاق ھاراق ئىچكەن، ئەتىسى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 09-كۈنى سەھەر سائەت 00:30لاردا تويدىن ئۆزى يالغۇز يېنىپ چىقىپ،ئۆيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن،ئۆزى ئۆيىدىن ھەيدەپ كىلىپ‹‹ئەنجۈر باغ››رىستۇرانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان،新N****نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ئۆزى ئوت ئالدۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز‹‹ئەنجۈر باغ››رىستۇرانىنىڭ ئالدىدىن ھەيدەپ مېڭىپ،كۇچا شەھەر ** بازار ** كەنتكە كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىللىرى تەرپىدىن بايقالغان، جاۋابكار نىڭ تىنىقىدىكى ئىسپىرت مىقتدارىنى پۈۋلىتىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە146.8mg/100mlچىققان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، يXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىmg/100mL 194 دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
دىمەك،جاۋابكار يXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق، بېكىتىشكە بولىدۇ,جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۇزدىغان جىنايى ھەركەتلەرگە زەربە بېرىپ، قاتناش-تىرانسىپورت ئىشلىرىنىڭ بىخەتەر، راۋان بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار يXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارماقنىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: رېھىم ئەيسا
2020- يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى
ئەسكەرتىش:
1 .جاۋابكار يX ئائىلىسىگە كاپالەتىچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .
2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论