شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ب ب ج ئەيىبلەش[2020]37-نومۇرلۇق
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
جاۋابكار يۈنامەلۇم، ئەر، ئۇيغۇر، 1994- يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6528261994، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، قاراشەھەر ناھىيە ** مەيدانى **-ئەترەت **-نومۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بىلەن توختىتىپ قويۇلغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى قاراشەھەر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا ئېلىش قارارىغا ئاساسەن قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
جاۋابكار يۈنامەلۇمنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى دېلوسى ئۇستىدە قاراشەھەر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار، زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابائاتلىرى ۋە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۇرۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكار يۈنامەلۇم قاراشەھەر ناھىيە چىملىقنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىدا ۋە 2-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدىكى دۇكاندا پىۋا ئىچكەندىن كېيىن، ئەتىسى يەنى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 07:00لەردىن ئاشقاندا، 新M电****- Mنومۇرلۇق ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنى ھەيدەپ قاراشەھەر ناھىيە 2-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىدىن مېڭىپ قاراشەھەر ناھىيە خان جاڭزىسى چارۋىچىلىق مەيدانى 2-ئەترەت يول بۆلىكىگە كەلگەندە، پىيادە ماڭغان ئى نامەلۇمنى سوقۇپ توكسېكىلىتنى نەق مەيدانغا تاشلاپ قويۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىپ، ئى نامەلۇمنىڭ دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىشىدەك قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان. قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناس ساقچى ئەترىتىنىڭ يول قاتناش ئېتراپنامىسىدە يۈنامەلۇم بۇ قاتناش ھادىسىسدە بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتىلگەن. شىنجاڭ خۇاتوڭ ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 6170-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا جاۋابكار يۈنامەلۇمنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 94.89مىللىگىرام ئىسپىرت ماددىسى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. شىنجاڭ خۇاتوڭ ئەدەلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ[2019] 1627-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۇنىدە新M电-M0894 نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنىڭ تورمۇز سېستىمىسى نورمال، ئىككى چاقلىق توكسېكىلىتنىڭ ئالدى ئوڭ تەرەپ قىسمى زىيانلانغۇچى بىلەن سوقۇلغان، نەقمەيداننىڭ سوقۇلغان ئورۇن بىلەن بولغان ئارلىقى 4.66 مېتىر، ئىككى چاقلىق توكسېكىلىت سائىتىگە 35 كېلومېتىرلىق سۈرئەتتە ماڭغان دەپ يەكۈن چىقارغان. قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ماددىي دەللىل-ئىسپاتنى باھالاش ئورنىنىڭ [2019] 30-جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا زىيانلانغۇچى ئى نامەلۇمنى قاتناش ھادىسىسىدە ئېغىر دەرىجىدىكى مېڭە زەخمىلىنىشتىن ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان.
جاۋاپكار يۈنامەلۇم ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن راسچىللىق بىلەن تاپشۇرۇپ، جىنايىتى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى، نەقمەيدان سۈرىتى، قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدىغان بۇلۇپ دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جاۋاپكارمۇ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا تۇلۇق ئىقرار بولغان، دەلىل-ئىسپاتلار ئۆز ئارا ماس كىلىدۇ، دېلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بولۇپ دېلودا جاۋاپكارغا جىنايەت بىكىتىپ جازا ئۆلچەشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يۈنامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان ھەمدە نەق مەيداندىن قېچىپ كېتىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن(قىلىمشى ئېغىر) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 133-ماددىسنىڭ بەلگۇلىمىسىگە ئاساسەن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك. جاۋاپكار يۈنامەلۇم تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان بولۇپ جاۋاپكار يۈنامەلۇمنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن 5يىلدىن يۇقىرى 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپى بىرىمىز، شۇڭا جاۋابكار يۈنامەلۇمنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن
ئاينۇر راخمان
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
قوشۇمچە:(1) جاۋابكار يۈنامەلۇم قاراشەھەر ناھىيىلىك قاماقخانىدا. (2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام. (3) كېپىللىك خېتى بىر پارچە. (4) ئوپتېك دېسكا بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论