شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش (2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكاريXX،ئەر،ئۇيغۇر،1992-يىلى X- ئاينىڭX-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 6529011992XXXXXXXX، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، موقىم كەسپى يوق، ئاقسۇ شەھىرى X كومىتېتىX ئاھالىلار كومېتىتى X-گۇرۇپ X- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 3-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچەكېپىلگە بېرىلگەن.
جاۋاپكارئېXX،ئەر،ئۇيغۇر،1994-يىلىX- ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى :XXXXXXXX 6529221994، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، موقىم كەسپى يوق،ئاقسۇ شەھىرى X باشقۇرۇش كومېتىتى X ئاھالىلار كومېتىتىX-گۇرۇپ X-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى12- ئاينىڭ 3-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن زەھەر ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ ، 2020-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچەكېپىلگە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكاريXX،ئېXX چېتىشلىق زەھەرئېلىپ سېتىش دېلوسىنى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى جاۋاپكارلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارلار ۋە نۆۋەتچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. پۈتكۈل دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكارلار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىراپىدا جاۋاپكار يXX بىلەن ئېXX ئۈرۈمچى شەھىرىدىن زەھەرلىك چىكىملىك ۋە باشقا بۇيۇملارنى ئەكىلىش ئۈچۈن، جاۋاپكار يXXنىڭ ماشنىسىنى ھەيدەپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئاXX ئىسىملىك بىرسىدىن 1500يۈەنگە 5بولاق زەھەرلىك چېكىملىك (ناتاشا) سېتىۋېلىپ، ئاقسۇغاقايتىپ كېلىش يولىدا بىربولاقنى يXX چەككەن،قالغان 4بولاقنى جاۋاپكارلار ئاقسۇ شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن شىXXغا سېتىپ بەرگەن.
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ،جاۋاپكار يXX ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە تۇنۇشقان نXX ئىسىملىك بىرى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك(ناتاشا)سېتىش-سېتىۋېلىش ھەققىدە كېلىشىپ، يېزائىگىلىك بانكىسى كارتىسى ئارقىلىق 11500يۈەن يۆتكەپ بەرگەن، نXX ئىسىملىك بىرى شۇنفېڭ تېزيوللانمىسى ئارقىلىق جاۋاپكار يXXگە 3بولاق زەھەرلىك چېكىملىك(ناتاشا)نى ئېۋەتىپ بەرگەن، جاۋاپكار يXX 2019-يىلى11-ئاينىڭ 28-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغان.بۇنىڭدىن بىرقىسمىنى ئۆزى ۋە نەۋرە ئاكىسى ئەXX بىلەن چەككەن، قالغان قىسمىنى ئاقسۇدا شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق زXXغا2000يۈەنگە ،ئىXXگە 1000يۈەنگە سېتىپ بەرگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبلەنگەن پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارلارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ:
جاۋاپكار يXX،ئېXXنىڭ قانۇنسىز پايدا ئېلىش مەقسىتىدە زەھەر(ناتاشا) سېتىۋالغان ۋە ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ347-ماددابەلگىلمىسگەخىلاپ بولۇپ،زەھەر ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ.
جاۋاپكارلار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 15-ماددا،67-ماددا3-تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىك-يىنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارلارنىڭ زەھەر ئېلىپ- سېتىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار يXX، ئېXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: كېرەمجان ئۆمەر
پۈتۈكچى: تايىرجان تۇنىياز
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 13 نۇسخا ئەيىبنامە، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، بىرنۇسقا «جىنايىتنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى»، بىر نۇسخا ئاددىي تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى،1نۇسقادەلىل-ئىسپات تىزىسى، 3 توپلام ج خ دېلو ئارخىبى بىرگەيەتكۈزۈلدى.
(2) جاۋاپكارلار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论