خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2019)375– نومۇرلۇق
1. جاۋابكار ئو**، ئەر،ئۇيغۇر، 1989–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6528271989، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت**-گۇرۇپپا **-نۇمۇر،ئەسلى يۇرتى:** شەھەر ناھىيىسى، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى،2009-يىلى9-ئاينىڭ20-كۈنى ئوغورلۇق جىنايىتى ئۈچۈن قاراشەھەر ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2018–يىلى11–ئاينىڭ9–كۈنى زەھەرلىك چىكىملىك ئېلىپ سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن،2019-يىلى5-ئاينىڭ31-كۈنى مەھكىممىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىش قارار قىلىنىپ 2019-يىلى6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىجرا قىلىنغان ھازىرخېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
2.جاۋابكار يۈ** ،ئەر،ئۇيغۇر، 1993–يىلى**–ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: ********6528271993، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت**-گۇرۇپپا**-نۇمۇر،ئەسلى يۇرتى:خوتەن شەھىرى،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان،بۇرۇن جازالانمىغان،2018-يىلى11-ئاينىڭ7-كۈنىدىن 2018-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنىگىچە زەھەرلىك چىكىملىك ئېلىپ- سېتىش گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2018–يىلى11–ئاينىڭ21–كۇنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن،2019-يىلى5-ئاينىڭ31-كۈنى مەھكىممىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىش قارار قىلىنىپ 2019-يىلى6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىجرا قىلىنغان .ھازىرخېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
جاۋابكارئو**،يۈ**لارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك ئېلىپ-سېتىش دىلوسى ئۈستىدە خىجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن،مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقنى ئۇقتۇردى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ،دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ،دىلونىڭ پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق.بۇ ئارلىقتا 2019-يىلى 3-ئاينىڭ15-كۈنى،2019-يىلى5-ئاينىڭ 24-كۈنى دىلونىڭ ئەيىپلەش سۈرىكى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى،2019-يىلى 3-ئاينىڭ29-كۈنى،2019-يىلى6-ئاينىڭ10-كۈنى دىلونىڭ دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ دىلو خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىغا ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى،2019-يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنى،2019-يىلى7-ئاينىڭ29-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۈرۈپ ،مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى، ھازىر دېلو تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ كۆرگىنىمىزدە:
1.جاۋابكار ئو** كورلا شەھەرلىك م**(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنغان ) بىلەن ئالاقىلشىپ 2018-يىلى10-ئاينىڭ31-كۈنى خېجىڭ ناھىيە ** ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىدا كۈرۈشۈپ 7گىرام ئېغىرلىقتىكى زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشانى 1500يۈەنگە سېتىۋالغان،ھەمدە جاۋابكار ئو** سېتىۋالغان 7گىرام ئېغىرلىقتىكى زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشانى شۇ كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك**ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى شېغىل تاشلىقتا جاۋابكار يۈ**غا 2000يۈەنگە ساتقان .
2.جاۋابكار ي** 2018-يىلى10-ئاينىڭ31-كۈنى دوستى ئو**نىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن جاۋابكار ئو** بىلەن تىلفۇندا ئالاقىلىشىپ 2018-يىلى10-ئاينىڭ31-كۈنى كەچ سائەت 21لەر ئەتراپىدا خېجىڭ ناھىيلىك**-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى شېغىل تاشلىقتا ئۇچرىشىپ ،جاۋابكار ئو**دىن7گىرام ئىغىرلىكتىكى زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشىنى 2000يۈەنگە سېتىۋالغان،جاۋابكاريۈ**سېتىۋالغان زەھەرلىك چىكىملىك ناتاشانىڭ بىر قىسمىنى ئۆزى چەككەن،بىر قىسمىنى 2018-يىلى 11-ئاي ئىچىدە يا**غا(ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق سۈپەت ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئورنى ئۆلچەش ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىنغان بۇ يىشىل رەڭلىك ئۇۋاق بۇيۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 0.81گرام ئىكەنلىكىنى بىكىتكەن،بايىنغولىن ئوبلاستىلىق ج ج ئىدارىسى ماددى-ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2018)136-نۇمۇرلۇق فىزىكىلىق-خېمىۋىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تۇتۇپ قېلىنغان بۇ يىشىل رەڭلىك ئۇۋاق بۇيۇمنىڭ تەركىۋى 5F-ADB(ناتاشا )دەپ بىكىتكەن)،يا**غا(تەخمىنەن بىر گىرام ئەتراپىدا)،ن**غا(تەخمىننەن بىر گىرام ئەتراپىدا) ۋە ئۆ**غا (تەخمىنەن بىر گىرام ئەتراپىدا) سېتىپ بەرگەن ،قىپ قالغان قىسمى ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغاندىن كىيىن تۇتۇپ قېلىنغان. ) بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق سۈپەت ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئورنى ئۆلچەش ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىنغان بۇ يىشىل رەڭلىك ئۇۋاق بۇيۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 2.73گرام ئىكەنلىكىنى بىكىتكەن،بايىنغولىن ئوبلاستىلىق ج ج ئىدارىسى ماددى-ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2018)136-نۇمۇرلۇق فىزىكىلىق-خېمىۋىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا تۇتۇپ قېلىنغان بۇ يىشىل رەڭلىك ئۇۋاق بۇيۇمنىڭ تەركىۋى 5F-ADB(ناتاشا )دەپ بىكىتكەن .
يۇقارقى پاكىتلارنى جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق سۈپەت ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئورننىڭ ئېغىرلىق ئۆلچەش نەتىجىسى ، بايىنغولىن ئوبلاستىلىق ج ج ئىدارىسى ماددى-ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ تەركىبىگە قارىتاباھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكارئو** ،يۈ**لار دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگەخىلاپلىق قىلىپ ،دۆلەت تەرىپىدىن چەكلەنگەن زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ساتقان، جاۋابكارئو** ئېلىپ-ساتقان دىلوغا چىتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشا (5F-ADB)نىڭ مىقدارى7گىرام، جاۋابكاريۈ** ئېلىپ-ساتقان دىلوغا چىتىشلىق زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشا (5F-ADB)نىڭ مىقدارى3.24گىرام بۇلۇپ ، جاۋابكارلارنىڭ قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 347-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، زەھەرلىك چىكىملىك ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك.شۇڭا جاۋابكاريۈ**،ئو**لارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى
2019-يىلى8-ئاينىڭ 7-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار يۈ** ،ئو**لار خېجىڭ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .
3)دىلو ئارخىپى 1توپلام .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论