كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020) 1318 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ياxx،ئەر،ئۇيغۇر، 1999-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:xxxxxx6528011999،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن:كورلا شەھىرىxx يېزا xx كەنت x-گۇرۇپ xxx-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھىرى xx يېزاxx كەنت x-گۇرۇپ xxx-نۇمۇر،بۇرۇن جازالانمىغان، 2020–يىلى08-ئاينىڭ 11-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ياxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى1-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 00:43لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار ياxxپىراۋىسىز،ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新Mxxxxx نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر xx يېزا xx كەنتxx يولىدا غەرىپتىن-شەرىققە قاراپ مېڭىپ،xx كەنت ئاھالىلەر كومىتىتى ئالدى يول بۆلىگىگە كەلگەندە،ئوخشاش يۆلۇنۇشتە پىيادە كىتىۋاتقان ئەxxىنى سوققان،نەتىجىدە ئەxxنىڭ يارلىنىشى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ xx ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ( 2020 )xxx-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا،جاۋاپكار ياxxنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 130مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2020)xxxxxx-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا ياxxبۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىدە پۈتۈن مەسئولىيەتنى ئۆستىگە ئالىدۇ،ئەxx بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىدە قۇشۇمچە مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار ياxxئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ياxxنىڭ قاتناش-ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار ياxx جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئىتراپ قىلغان بۇلۇپ «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار ياxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
2020-يىلى12-ئاينىڭ27 -كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论