欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(牙某某涉嫌危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

ئەيىبلەشنامىسى

ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )123 -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار يXX، ئەر،1987-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXXXX6528011987، ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، كەسپى: دىھقان، ئىلگىرى جازالانغان. نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھەر XX يېزا XX كەنىت XX-گۇرۇپپا XX-ئۆي، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھەر XX يۇلى XX مەھەللىسى XX-بىنا XX-كورپوس XX-نۇمۇر، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بىرىلگەن.

كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى جاۋاپكار يXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋاپكارغا مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھۇقۇقىنى يەتكۈزدۇق ھەمدە جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق ، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار يXX 2019-يىلى06-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 23:04 لار ئەتراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە 新M8XXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشننى ھەيدەپ، كورلا شەھەر XX كوچىسى XX سودا بازىسى ئارقا ئىشىك ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چارلاش ساقچىللىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپات باھالاش مەركىزى (2019)3544-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا، يXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىۋى ھەر 100 مىللىلىتىردا 127.62 مىللىگىرام دەپ باھالاپ بىكىتىكەن.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان سۆرئىتى ۋە خەرىتىسى، باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل - ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار يXX ئەيپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار يXX قاتناش - تىرانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن - قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل - ئىسپاتى تولۇق ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار يXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : پەزىلەت مۇھەممىدىن

2020-يىلى 3-ئاينىڭ20-كۈنى

ئەسكەرتىش :

(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام ، ئون نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى .

(2) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىلىككە بىرىلگەن .

(3) جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ ، جازانى ئىتراپ قىلىش تىل خىتى بىر نۇسخا

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top