欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(牙某某故意杀人、抢劫案)(公开版)_新疆维吾尔自治区人民检察院阿克苏分院

2021-09-20 尘埃 评论0

新疆维吾尔自治区人民检察院阿克苏分院

起 诉 书

新检阿分二部刑诉〔2020〕77号

被告人某某,曾用名无,绰号无,男性,19******日出生,居民身份证号码652925********2032,维吾尔族,初中,无业,户籍所在地新疆维吾尔自治区阿克苏地区新和县,住新和县********号,因涉嫌故意杀人罪抢劫罪,经新和县公安局批准/决定,于2020年1月10日被新和县公安局刑事拘留;因涉嫌犯有故意杀人罪抢劫罪,经新和县人民检察院批准/决定,于2020年2月8日被新和县公安局逮捕。

本案由新和县人民检察院公诉部门侦查终结,以被告人***涉嫌***罪,于2020年4月14日向本院移送审查起诉。本院受理后,于****年**月**日已告知被告人有权委托辩护人,****年**月**日已告知被害人及其法定代理人(近亲属)、附带民事诉讼的当事人及其法定代理人有权委托诉讼代理人,依法讯问了被告人,听取了辩护人、被害人及其诉讼代理人的意见,审查了全部案件材料。    

经依法审查查明:

…… 

认定上述事实的证据如下:

1.物证:……;2.书证:……:3.证人证言:证人……的证言:4.被害人陈述:被害人……的陈述;5.被告人的供述与辩解:被告人……的供述与辩解;6.鉴定意见:……;7.勘验、检查、辨认、侦查实验等笔录:……;8.视听资料、电子数据:……。

本院认为,被告人……(概述被告人行为的性质、危害程度、情节轻重),其行为触犯了《中华人民共和国刑法》第XX条(引用罪状、法定刑条款),犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当以XX罪追究其刑事责任。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条第一款的规定,提起公诉,请依法判处。

此致

(移送何法院)

检察员:吐逊亚库甫

2020年5月12日

附:

    1.被告人现在处所。具体包括在押被告人的羁押场所或监视居住、取保候审的处所。

2.案卷材料和证据XX册。

3.证人、鉴定人、需要出庭的专门知识的人的名单,需要保护的被害人、证人、鉴定人的名单。

4.有关涉案款物情况。

5.被害人(单位)附带民事诉讼情况。

    6.其他需要附注的事项。 

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

       ئا ش ت ئەيىپلەش  2- بۆلۈم چىقىش (2020)   -نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

    جاۋاپكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر،27 ياش، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى: 652925XXXXXXXX2032، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، يۇرتى ۋە تۇتۇلۇشتىن ئىلگىركى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى توقسۇ ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-گوروپ XX-قورو، 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۇنى توقسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 3يىللىق قاماق جازاسى،قۇشۇمچە 4000 يۇەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ،2012-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۇنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 2020 – يىلى 2 – ئاينىڭ 8-  كۇنى  قولغا ئېلىنغان.  ھازىر توقسۇ ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا . 

 توقسۇ ناھىيىلىك   جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى (2020) 104-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق ئەيىبلىگەن جاۋابكار يXXنىڭ جىنايەت دىلوسىنى توقسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان.توقسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دىلونى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 21-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز  دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، بارلىق دىلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ،  ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىپ سۈرۈك ئىچىدە  دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.  تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۈۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتى ئېنىقلاپ چىقىلدى: 

   جاۋاپكار يXX 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 07-كۈنى سەھەر سائەت 00:30 ئەتراپىدا ، توقسۇ بازىرىدا ھاراق ئىچىپ توقسۇ ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-گوروپتىكى ياXXنىڭ ئۈيىگە بېرىپ مXX، ياXXلار بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا، تXX جاۋاپكار يXXغا تېلىفۇن قىلىپ ، ئىلگىركى قەرز بەرگەن پۇلنى قايتۇرۇشنى ئېيتقان. جاۋاپكاريXX تXXنى ئۆلتۈرۈپ قەرزدىن قۇتۇلۇش ۋە پۇلىنى بۇلاپ ئېلىۋېلىش نىيىتىگە كىلىپ، مXX ۋە ياXXغا مەن ئۈيۈمگە بېرىپ كىنىشكەمنى ئېلىپ كەلگەچ تXX بىلەن كۈرۈشۈپ كىلەي دەپ ، مXXنىڭ باش كىيىمى (پوسما) ، بىر دانە پەلىيىى ۋە ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتى ئارىيەتكە ئېلىپ ھەيدەپ ، ئۈيىدىن بىر دانە ياغاچ دەستىلىك چەيدونى بىلىگە قىستۇرۇپ، تXXنىڭ ئۈيىگە بارغان، تXXغا ياXXنىڭ ئۈيىگە بېرىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشنى ئېيتىپ،تXXنى ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىقا چىقىرىپ، توقسۇ ناھىيە XX يېزا XX كەنتXX-گوروپتىكى تXXنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىدىكى يول بىلەن ياXXنىڭ ئۆيى تەرەپكە مېڭىپ، سXXنىڭ تېرىلغۇ ئېتىزىنىڭ ئۇدۇلىغا بارغاندا، سىيىۋالاي دەپ توكسىكىلىتنى توختىتىپ تXXنىڭ تېلىفۇن ئىكران مەخپى نۇمۇرىنى بىلىۋېلىش مەقسىتىدە، تXXغا تېلىفۇن ئۈندىدارىڭدىن مىنىڭ ئۈندىدارىمغا پۇل ئەۋەتىپ سىناپ باقىلى پۇلنى قۇبۇل قىلامدۇ دىگەندە، تXX تېلىفۇن ئىكران مەخپى نۇمۇرىنى بېسىپ ئېچىپ، ئۈندىدارىنىڭ بارماق ئىزى ئارقىلىق دەلىللەش بېتى ئېچىلغاندىن كىيىن، ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى تېلىفۇنىغا تەككۈزۈپ تۇنۇتۇپ، جاۋاپكار يXXنىڭ ئۈندىدارىغا بىر پۇڭ قىزىل بولاق ئەۋەتكەن،جاۋاپكار يXX تXXنىڭ تېلفۇنىىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بىلۋالغاندىن كېيىن، تXXغا توكسىكىلىتنى سەن ھەيدىگىن دەپ قۇلىدىكى پەلەينى بەرگەن. تXX قۇلىغا پەلەينى كىيىپ توكسىكىلىتنى ھەيدىمەكچى بولغاندا، جاۋاپكار يXX بىلىگە قىستۇرۋالغان چەيدونى ئېلىپ تXXنىڭ بويۇنغا چاپماقچى بۇلۇپ شىلتىگەن ، تXX قۇلى بىلەن چەيدونى توسقاندا قۇلى زەخمىلىنىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالغان،جاۋاپكار يXX قۇلىدىكى چەيدو بىلەن تXXنىڭ بويۇن ۋە باش قىسمىغا كۆپ قېتىم چاپقان. تXXنىڭ باش ۋە بويۇن قىسمى زەخمىلىنىپ، قان چىقىپ يەردە خارقىراپ يېتىپ قالغان. جاۋاپكار يXX شۇ يەردە قاراپ تۇرۇپ تXXنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ، ئۇنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرۇپ يانچۇقىدىن 135 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە سۇس ئالتۇن رەڭ vivo Y75A ماركىلىق تېلىفۇننى بۇلاپ ئېلىۋالغان ھەم تXXنىڭ تېلىفۇنىنىڭ ئۈندىدارىدىكى پۇلىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن چەيدو بىلەن ئۇنىڭ ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كىسىۋالغان، جەسەتنى ئىككى چاقلىق توكسىكلىتقا بېسىپ ، ئۈزىنىڭ توقسۇ ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-گوروپتىكى ئادەم تۇرمايدىغان كونا ھويلىسىغا ئاپىرىپ ئوينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سەي گەمىسىگە يۇشۇرۇپ قويغان، دىلو سادىر قىلغان نەق مەيدانغا قايتىپ بېرىپ يەردىكى قاننىڭ ئۈستىگە توپا چېچىۋېتىپ ، توقسۇ ناھىيە XX يېزا XX كەنت XX-گوروپتىكى ئۈيىگە بېرىپ يۈزى ۋە قوللىرىنى يۇيۇپ، ئايىقىدىكى قاننى بەدەن يۇيغۇچتا سۈرۈتكەن . چەيدونى يۇيۇپ ئۈيىدىكى پەشقۇن كەنتىرنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قويۇپ، توكسىكىلىتنى ھەيدەپ ياXXنىڭ ئۈيىگە بارغان . مXX جاۋاپكار يXXغا ئۇزاق يوقاپ كەتتىڭ نەگە باردىڭ دىگەندە، جاۋاپكار يXX قارقۇم كەنتىدىكى ئاغىنەمنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ئوغلاق ئۆلتۈرۈپ بەرگەن ئىدىم، توكسىكىلىتمۇ قان بۇلۇپ كەتتى يۇيىۋىتەيلى دەپ، مXX بىلەن بىرگە چىقىپ توكسىكىلىتتىكى قاننى سۇدا يۇيىۋەتكەن.ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ ئۇچىسىدىكى سېرىق رەڭلىك مايكىسىغا قان يۇقۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ مايكىسىنى سېلىۋېتىپ ، ياXXنىڭ بىر دانە كۈلرەڭ مايكىسىنى كىيىۋالغان.بۇ ۋاقىتتا مXX توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ ئۈيىگە چىقىپ كەتكەن. جاۋاپكار يXX داۋاملىق ھاراق ئىچىپ ئەتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا ، ئېXXكە تېلفۇن قىلىپ ، ئۇنىڭ تاكسى ماشىنىسىدا توقسۇ ناھىيە پويىز ئىستانىسىدىكى مېھمانخانىگە بېرىپ يېتىپ، تXXدىن بۇلاپ ئېلىۋالغان تېلىفۇنىغا ئۇنىڭ قۇلىدىن كىسىپ ئېلىۋالغان كورسەتكۇچ بارمىقىنى تەككۈزۈپ تۇنۇتۇش ئارقىلىق، تېلىفۇننىڭ ئۈندىدارىنى ئاچقان ھەم ئۈندىداردىكى 3350 يۈەن پۇلنى توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇنۇشى ئاXXنىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن، تXXنىڭ ئۇندىدارىدىن 20 يۇەن پۇلنى مىھمانخانا ياتاق ھەققىگە تۆلەپ، مىھمانخانىدىن چىقىپ تXXنىڭ قۇلىدىن كىسىۋالغان بارمىقىنى پويىز ئىستانىسى ئالدىدىكى مەيدانغا تاشلىۋېتىپ، ئاXXنىڭ توقسۇ بازىرىدىكى تىلگىراف تىجارەت دۇكىنىغا بېرىپ، تXXنىڭ تېلىفۇنىدىكى سۆزلىشىش كارتىسىنى چىقىرىپ تاشلىۋەتكەن،ئاXXدىن 3350 يۈەن پۇلنى ئۈزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتكۈزگەن،توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازىرىدىكى «شۈەنكو كىيىملىرى» دۇكىنىغا كىرىپ كىيىم - كېچەك سېتىۋېلىپ،  ئۇچىسىدىكى كىيىمنى شۇ دۇكانغا تاشلاپ قۇيۇپ ، كىرا ماشىنىسىدا ئاقسۇ شەھرىگە بارغان، ئاخشىمى مېھمانخانىدا يېتىپ ئەتىسى يەنى  2020- يىلى 01-ئاينىڭ 08- كۈنى چۈشتىن كىيىن كىرا ماشىنىسغا چىقىپ ئاقسۇ شەھىرىدىن كۇچا ناھىيىسىگە كىتىۋاتقاندا ، توقسۇ ناھىيە يانتاققۇدۇق مۇلازىمەت رايۇنى ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئىدارىمىز توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. بىر دانە vivo ماركىلىق تېلىفۇن، 2100  يۈەن نەق پۇل ئەسلىگە كەلگەن.

     توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسىنىڭ (2020 ) 01A - نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدا: ئۆلگۈچى تXXنىڭ بويۇن ، سول ئىڭەك ئەتراپى كۆپ قېتىم ( ئىككى قېتىم ) ئۆتكۈر خارەكتىرلىك ( چەيدو تۈرىدىكى ) زوراۋانلىق كۈچنىڭ تەسىرىدە بويۇن سىرتقى ھەركەتلەندۈرۈش ۋە ئىچكى ھەركەتلەندۈرۈش تومۇرى پۈتۈنلەي يېرىلىپ ، كۆپ مىقتاردا قان چىقىپ جىددى خارەكتىرلىك شۈك بۇلۇپ ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ ئۆلگەن دەپ  بېكىتىلگەن.

   يۇقارقى پاكىتلار  يازما ئىسپات،ماددى ئىسپات،    گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،باھالاش پىكرى،كۈرۈش -ئاڭلاش ماتىرياللىرى ، ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.    دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، بېكىتىشكە بۇلىدۇ 

جاۋاپكار يXXنىڭ زىيانلانغۇچى تXXنى چەيدۇ بىلەن باش ۋە بويۇن قېسمىغا كۆپ قېتىم چاناپ ئۆلتۈرۋېتىپ   زىيانلانغۇچىنىڭ تېلىفون ۋە تېلىفۇن ئۈندىدارىدىكى پۇلنى بۇلاپ كەتكەن قىلمىشىدىن    قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى   شەكىللىنىدۇ.

مەھكىمىمىز جامائەت بىخەتەرلىكىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداپ، جىنايى ھەركەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ، ئىجتىمائى مۇقۇملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار يXXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 232-ماددا، 264 - ماددا ،69-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176 - ماددا بەلگۈلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارنىڭ جىنايى جازا بىرىشى ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: تۇرسۇنجان ياقۇپ

        تاشنىيا ئوسمان

2020يىلى5-ئاينىڭ12-كۈنى

ئىزاھات: 

<1> 8 پارچە ئەيىپنامە، بىر پارچە ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى،تۆت توپلام ج خ دىلو ئارخىۋى بىرگە يوللاندى.

<2> جاۋاپكار توقسۇ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top