起 诉 书
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
XX ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش[2019] 384-نومۇرلۇق
XX ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
جاۋابكار ياXX، ئەر ، 1989-يىلى 4 -ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭXX ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 65282619890416171X،ئۇيغۇر، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى:XX ناھىيە XX بازار ئاقدۆڭ كەنىت 1-گۇرۇپ 2-قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىXX ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايتىىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن دىلو ئاچقان. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
جاۋابكار ياXXنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدەXX ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار مەزكۇر دېلودا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
جاۋابكار ياXX-2019يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00 لەر ئەتراپىداXX ناھىيە يېڭى شەھەر يولى XX تېز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدا مەست ھالەتتە ئاشخانا خوجايىنى XX مىجىت بىلەن گەپ تاكاللىشىپ قالغاندىن كېيىن XX مىجىتىنىڭ يۈز قىسمىغا ئوڭ مۇشتى بىلەن بىرنى ئۇرغان، XX مىجىت مۇشتنىڭ زەربىسىدە يەرگە يىقىلغاندىن كىيىن، ياXX XX مىجىتنىڭ باش قىسمىغا بىرنى تەپكەن،ئاندىن XX مەمەتنى بېسىۋېلىپ يۈز قىسمىغا ئۈچ-تۆتنى ئۇرغان، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ XX مىجىتنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە يەتتە سەككىزنى تىپىپ ئۇرۇپ يارلاندۇرغان.
XX ناھىيە ج خ ئىدارىسىنىڭ ]2019[ 14-نومۇرلۇق زەخمە باھالاش يەكۈنىدە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى XX مىجىتنىڭ سول تەرەپ پىشانىسىنىڭ زەخمىسى يېنىڭ 1- دەرىجە بولۇپ باھالانغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، نەق مەيدان كۆرۈنۈش سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بىكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ياXX ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ياXX باشقىلارنى مۇشىت،تىپىك بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن
XX ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش: XX
پۈتۈكچى : XX
20XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى
قوشۇمچە:
(1) جاۋابكار ياXX بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە
(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
(3) گۇناھىنى تۇنۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论