欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(牙某某拐卖儿童,拐骗儿童,传授犯罪方法,盗窃案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

   ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2020) 304   - نومۇرلۇق

 ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

(1) جاۋاپكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر، 67 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXXXX0474، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايۇنى X- بىنا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 12- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن باللارنى ئالداپ كىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(2) جاۋاپكار تۇXX، ئايال، ئۇيغۇر، 64 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXX0447، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 7- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن باللارنى ئالداپ كىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قولغا ئېلىنغان.

(3) جاۋاپكار نXX، ئايال، ئۇيغۇر، 37 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0481، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX- كوچا XX- نۇمۇر XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 7- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن باللارنى ئالداپ كىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قولغا ئېلىنغان.

(4) جاۋاپكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 42 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXXXX0555، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 12- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى  بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(5) جاۋاپكار ئاXX، ئايال، ئۇيغۇر، 40 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0482، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 7- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن باللارنى ئالداپ كىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قولغا ئېلىنغان.

(6)جاۋاپكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 38 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0435، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX يولى XXئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن باللارنى ئالداپ كىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(7) جاۋاپكار قەXX، ئايال، ئۇيغۇر، 36 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX7522، تۇلۇق كۇرۇس مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى،  توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن باللارنى ئالداپ كىتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قولغا ئېلىنغان.

(8) جاۋاپكار ئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 44 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652928XXXX2172، ساۋاتسىز، يۇرتى: ئاۋات ناھيىسى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى XXناھىيە XXيېزا XXكەنىت XX- گۇرۇپ XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 5– ئاينىڭ 16- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قولغا ئېلىنغان.

(9) جاۋاپكار پXX، ئەر، ئۇيغۇر، 35 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0832، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى:ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايۇنى XX- قارار XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 3- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(10)جاۋاپكارئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 34 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0437، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 12- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى  بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(11)جاۋاپكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 53 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0455، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 18- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى  بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(12) جاۋاپكار ئاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 33 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX7510، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX يولى XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 12- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق   باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن  قولغا ئېلىنغان.

(13) جاۋاپكار قەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 45 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0011، تۇلۇقسىز مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايۇنى XX- قارار XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 18- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(14) جاۋاپكار مىXX، ئايال، ئۇيغۇر، 30 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0440، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى:ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX يولى جەنۇبى XX- كوچا XX- نۇمۇر XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 12- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ ھەركەتلەرگە تەشكىللەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

(15) جاۋاپكار ئاXX، ئايال، ئۇيغۇر، 36 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0021، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 14- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغچە كىپىلگە بىرىلگەن.

(16) جاۋاپكار ئېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 33 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX2832، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXمەيدان يXX كەنىت XX- گۇرۇپ XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 14- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغچە كىپىلگە بىرىلگەن.

(17) جاۋاپكار راXX، ئەر، ئۇيغۇر، 27 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652922XXXX6054، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى:ئۇنسۇ ناھىيە، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى XXناھىيە XXئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- كۇرپۇس XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 14- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغچە كىپىلگە بىرىلگەن.

(18) جاۋاپكار رۇXX، ئايال، ئۇيغۇر، 32 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0424، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XXيېزا XX- كەنىت XX- گۇرۇپ XX- كوچا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 16- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغچە كىپىلگە بىرىلگەن.

(19) جاۋاپكار غېXX، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0417، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX- بىنا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 14- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغچە كىپىلگە بىرىلگەن.

(20) جاۋاپكار مۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، 25 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XXXX0458، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسپى يوق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019- يىلى 1– ئاينىڭ 14- كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغچە كىپىلگە بىرىلگەن، ئائىلىسىدە كىپىلدە.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى  (2019) 409- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ دېلونى مەھكىمىمىزگە قايتا يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارلارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

1.باللارنى ئالداپ سېتىش

2004- يىلدىن 2007- يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا جاۋاپكار تXX بىلەن ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلىنغان تXX ئۆز-ئارا مەشلىھەتلىشىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئىلگىرى - كىيىن بۇلۇپ ئۆزىنىڭ ئاXX ( 11ياش )، ئەXX (14 ياش، 1990- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان) قاتارلىق ئىككى بالىسىنى جاۋاپكار تXXنىڭ ئىچكىردە ئوغۇرلۇققا سېلىشى ئۈچۈن بەرگەن بۇلۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە باشقا بۇيۇمىنى ئالغان.

2. باللارنى ئالداپ كىتىش

(1) 1997- يىلى 7- ئايدا جاۋابكار ياXX XXئۆلكىسى XXشەھىرى يىغىۋېلىش پونكىتىدىن ئېXXنى ( ئەينى ۋاقىتتا 11 ياش ) مەن سېنى XXغا ئېلىپ بىرىپ ئائىلەڭدىكىلەرنى تېپىپ بىرىمەن دىگەننى باھانە قىلىپ ئېلىپ چىقىپ XXشەھىرىگە ئاپارغان بۇلۇپ، ئېXX  ئېXX ( ئۆلۈپ كەتكەن ) بىلەن جاۋاپكار ئەXXنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تاكى 2005- يىلى 7- ئايغىچە ئوغۇرلۇق قىلغان.

(2)2003- يىلى 5- ئايدا جاۋابكار يXXنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە جاۋابكار  تXX ئىچكىرگە بىرىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ كۆپ پۇل تاپىمىز دىگەننى باھانە قىلىپ راXX (ئەينى ۋاقىتتا 11 ياش ) نى XXئۆلكىسى XXشەھىرىگە ئالداپ ئېلىپ بارغان، راXX XXشەھىرىدە ئېXX ( ئۆلۈپ كەتكەن )، جاۋاپكار ئەXX ئىككىيلەننىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا 2007- يىلىغىچە ئوغۇرلۇق قىلغان.

(3)2004- يىلى 6- ئايدا جاۋاپكار تXX نەۋرەمنى بېقىپ بىرىسىز دىگەننى باھانە قىلىپ، ئاXX ( ئەينى ۋاقىتتا 11 ياش ) نى XXئۆلكىسى XXشەھىرىگە ئېلىپ بارغان، ئاXX XXشەھىرىدە  ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن )، جاۋاپكار ئەXXنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا 2008- يىلغا قەدەر ئوغۇرلۇق قىلغان.

(4)2004- يىلى 8- ئاي مەزگىلىدە جاۋاپكار تXX  ئىچكىردە كاۋاپچىلىق قىلىپ كۆپ پۇل تاپىمىز دىگەننى باھانە قىلىپ مXX(ئەينى ۋاقىتتا 11 ياش ) نى ئالداپ XXئۆلكىسىنىڭ XX، XXقاتارلىق شەھىرىگە ئېلىپ بارغان. مXX، ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن ) نىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا ئوغىرىلىق قىلىغان. 

(5)2011- يىلى 8- ئايدا جاۋاپكارلار ئەXX، قXX  بالا بېقىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ، ئاXX ( باشقا ئىسمى : ئەXX) نى ئالداپ XXئۆلكىسى XXشەھىرى، XXشەھىرىگە ئاپرىپ ئوغۇرىلىققا سالغان.

3.جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۈگۈتۈش

جاۋاپكار ياXX، تXX، ئېXX ( ئۈلۈپ كەتكەن) باشچىلىقىدىكى جىنايەت گوروھى ئېXX ( ئۈلۈپ كەتكەن) نىڭ باشقۇرۇشىدا 2000- يىلدىن 2011- يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا ئېXX، رXX، غXX، ھXX، ئاXX ( ئەيىنى ۋاقىتتا يۇقارقىلار بىردەك قۇرامىغا يەتمىگەن) قاتارلىقلارغا تۇرالغا جايىدا ھەرخىل ئوغرىلىق نەق مەيدانلىرىنى مىسالغا كەلتۈرۈپ پىيادە ماڭغان ئادەمنىڭ پۇللىرى ۋە مال-مۈلىكىنى قانداق ئوغرىلاش، ۋېلىسپىتلىق ماڭغانلارنىڭ پۇللىرى ۋە مال-مۈلىكىنى قانداق ئوغرىلاش، ئوغرىلاپ ئالغان پۇل ۋە بۇيۇملارنى ئارقىسىدىن ماڭغانلارغا قانداق ئۆتكۈزۈپ بىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى نەق مەيداندا ئەمىلى كۆرسىتىپ ئۆگەتكەن.

4.ئوغرىلىق 

1. 2000-يىلدىن 2011- يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا جاۋاپكار يXX، تXX، ئېXX ( ئۈلۈپ كەتكەن) باشچىلىقىدىكى جىنايەت گوروھى ئائىلە ئەزالىرىدىن يXX( ئۈلۈپ كەتكەن)، جاۋابكار ئەXX، ئەXX، قXX، نXX، ئاXX قاتارلىقلار، جاۋاپكار قXX، ئاXX، ئېXX، رXXقاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، قۇرامىغا يەتمىگەن  مىXX ( شۇ ۋاقىتتا 17 ياش)، ئېXX ( شۇ ۋاقتىدا 11 ياش)، مXX( شۇ ۋاقىتتا 11 ياش )، غXX ( شۇ ۋاقتىدا 11 ياش)، ئاXX ( شۇ ۋاقتىدا 17 ياش)، راXX ( شۇ ۋاقتىدا 11 ياش) قاتارلىقلارنى ئايرىم - ئايرىم XX قاتارلىق جايلاردا ئۇزۇن مەزگىل ئوغرىلىققا سېلىپ، ئۇلارغا كۈندىلىك ئوغىرلىق ۋەزىپىسىنى 1000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە دەپ بەلگىلەپ بېرىپ، ۋەزىپىنى ئورۇندىيالىمغانغانلارنى ئۇرۇش، قورقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تەن جازاسى بەرگەن. ئوغۇرلىغان بۇيۇم ۋە نەق پۇللارنى ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن) يىغىپ، جاۋابكار تXXغا ئۆتكۈزگەن. جاۋابكار تXX زاڭ مالنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ، ئوغۇرلۇق تاپاۋىتىنى جاۋابكار يXXغا بانكا ئارقىلىق يۆتكەش ئۇسۇلى بىلەن ئەۋەتىپ بەرگەن، بىر قىسىم پۇللارنى جاۋابكار يXX ئۆزى ئىچكىرگە چىقىپ XXغا يۆتكەپ ئېلىپ كەتكەن. جاۋابكار ياXX بۇ پۇللارغا ئاقسۇ، XXقاتارلىق جايلاردىن ئولتۇراق ئۆي، دۇكان ئۆي، ماشىنا ۋە ئالتۇن بۇيۇم سېتىۋالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقارقى جاۋابكارلارنىڭ 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارلقتا ئوغۇرلۇق تاپاۋىتىدىن جىنايەت گوروھىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى چىقىرۋەتكەندە، ئXXنىڭ بانكا كارتىسىدىكى كىرىم سوممىسى 11 مىليون 543 مىڭ 846 يۈەن بولغان. ئېXX بۇ پۇللارنى ئايرىم-ئايرىم ئاپىسى جاۋابكار تXX، دادىسى جاۋابكار يXX، ئايالى جاۋابكار نXXنغا بەرگەن.  

   2. جاۋابكار   مىXX، مXX، غېXX ، ئاXX قاتارلىقلار 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە  ئايرىم - ئايرىم XX، XX، XX قاتارلىق جايلاردا ئېقىپ يۈرۈپ، ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن)، جاۋابكار تXX، جاۋابكار يXX، ئەXXنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئوغۇرلۇق قىلغان. 

   3.جاۋابكار يXX، تXX، ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن) نىڭ ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 11 مىليون 543 مىڭ 846 يۈەن؛ جاۋابكار ئەXX، ئاXXنىڭ ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 930 مىڭ يۈەن؛ جاۋابكار ئەXX، قXXنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغان مەزگىلدىكى ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 721 مىڭ يۈەن؛ جاۋابكار ئېXXنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغان مەزگىلدىكى ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 8 مىليون 775 مىڭ 458 يۈەن؛ جاۋابكار پXX، ئېXX، ئاXXا، رXXنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغان مەزگىلدىكى ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 184 مىڭ 800 يۈەن؛ جاۋابكار تXXنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغان مەزگىلدىكى ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 369 مىڭ يۈەن؛ جاۋابكار قXXنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغان مەزگىلدىكى ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 1 مىليون 293 مىڭ 700 يۈەن؛ جاۋابكار مىXXنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغان مەزگىلدىكى ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 412 مىڭ 368 يۈەن؛ جاۋابكار غېXX بىلەن مXXنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدە تۇرغان مەزگىلدىكى ئوغۇرلۇق تاپاۋەت سوممىسى 900 مىڭ يۈەن. 

  4.جاۋابكار ئېXX 1997-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە، جاۋابكار رXX 2003-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، جاۋابكار ئاXX 2000-يىلى 7-ئايدىن 2002-يىلغىچە جاۋابكار يXX، تXX، ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن) لارنىڭ جىنايەت گوروھىدا ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن)، ئەXXنىڭ باشقۇرۇشىدا كۆپ قېتىم ئوغۇرلۇق قىلغان. 

5.قانۇنسىز قاماش 

  جىنايەت گورۇھى ئاساسلىق ئەزاسى ئېXX (ئۆلۈپ كەتكەن) 2000-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە رXX، رXX، ئېXX، غېXX قاتارلىق (يۇقارقىلار ئەينى ۋاقىتتا قۇرامىغا يەتمىگەن) ئوغۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغاندا ياكى قېچىپ كەتمەكچى بولغاندا ئۇلارنى كۆپ قېتىم تېلىۋىزور سىمى، خۇرۇم بەلباغ، سۇلىياۋ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈپ ياتاققا سولاپ قويغان، تاماقمۇ بەرمىگەن.  يۇقارقىلار تاياقنىڭ زەربىسىدىن بىر قانچە كۈنگىچە كارۋاتتىن چۈشەلمەيدىغان، تاماق يىيەلمەي جىسمانى ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچىرغان. 

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار يXX، تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 238-ماددا، 240-ماددا، 262-ماددا، 264-ماددا، 295-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جاۋابكار نXX، ئەXX، ئاXX، ئەXX، قXX، قەXX، تXX، ئېXX، رXX، ئاXX، پXX، ئېXX، ئاXXا، مىXX، ئېXX، رXX، غېXX، مXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، (رەزىل كۈچ) جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار يXX، تXXنى قانۇنسىز قاماش، بالىلارنى ئالداپ سېتىش، بالىلارنى ئالداپ كېتىش، ئوغۇرلۇق، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش جىنايىتى بىلەن؛ جاۋابكار نXX، ئەXX، ئاXX، ئەXX، قXX، قXX، تXX، ئېXX، رXX، ئاXX، پXX، ئېXX، ئاXX، مىXX، ئېXX، رXX، غXX، مXXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار تXX، نXX، ئاXX، قXX، ئېXX، تXX، مىXX، رXX، ئېXX، ئاXX، رXXلار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتىراپ قىلدى ھەم جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار يXX، تXXنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 238-ماددا، 240-ماددا، 262-ماددا، 264-ماددا ، 295-ماددا، 25-ماددا، 26-ماددا 2-تارماق، 69-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە؛ جاۋابكار نXX، ئەXX، ئاXX، ئەXX، قXX، قXX، تXX، ئېXX، رXX، ئاXX، پەXX، ئېXX، ئاXXا، مXX، ئېXX، رXX، غXX، مXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 25-ماددا، 26-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

                         باش تەپتىش: ئاXX

تەپتىش :تXX

تەپتىش : ئېXX

2020- يىلى  4- ئاينىڭ 10-كۈنى

 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top