خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) 6-نومۇرلۇق
جاۋابكار ي**،ئەر،ئۇيغۇر،1978-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: *******6528271978،ساۋاتسىز،كەسپى:دىھقان ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۇرۇن:شىنجاڭ ** ناھىيە ** دىھقانچىلىق مەيدانى **يۇلى**-قورو**-59نۇمۇر،2018-يىلى12-ئاينىڭ13-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2018-يىلى12-ئاينىڭ20-كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،2020-يىلى1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىممىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** دىھقانچىلىق مەيدانى ** يۇلى*-قورو**-**نۇمۇر.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكار ي**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى،جاۋابكار ي** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى .
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
1)جاۋابكار ي**2018-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى كەچتە، تاماق يىگىلى ** ناھىيە** دىھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر ئاشخانىغا بىرىپ دوستلىرى ق**، ئە**، ئو** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، سورۇن تارقىغاندىن كىيىن شۇ كۈنى سائەت 23:00 لار ئەتراپىدا، پىراۋىسىزئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ * ناھىيە ** دېھقانچىلىق مەيدانى قەر ئامانەت كوپىراتىپى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى دىجورنى ساقچىللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018)زەھەرباھالاش ****-نۇمۇرلۇقباھالاشنامىسىدەجاۋابكار ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 121 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن .
2) جاۋابكار ي** 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنى كەچتە ** دېھقانچلىق مەيدانى بازىرىغا كىلىپ دۇكانغا كىرىپ ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچكەن، ئىچىپ بولغاندىن كىيىن، مەست ھالەتتە پىراۋىسىزئۆزىنىڭ 新M***** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى شەرقتىن غەربكە يۆلىنىشتە ھەيدەپ ** ناھىيە ** دېھقانچىلىق مەيدانى ** يولى يول بۆلىكىگە كەلگەندە موتوسىكىلىتتىن يىقىلىپ كىتىپ، خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئۇلاستاي دېھقانچلىق مەيدانى ساقچىخانىسى دىجورنى ساقچىللىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)زەھەرباھالاش ****-نۇمۇرلۇقباھالاشنامىسىدە جاۋابكار ي**نىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 314مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن بۇلۇپ،جاۋابكار ي**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،باھالاشنامە، نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكاري** قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ ،پىراۋىسىزماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدامەست ھالەتتە ھەيدىگەن،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار ي**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋابكار ي** ئىككى جىنايەتنى سادىر قىلغاچقا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ69-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسى بويىچە جازا بىرىلدۇ،شۇڭا جاۋابكار ي**نى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى
2020-يىلى 1-ئاينىڭ17-كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار ي** مەھكىمىزتەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** دىھقانچىلىق مەيدانى ** يۇلى**-قورو**-**نۇمۇر.ئالاقىلشش نۇمۇرى :
2) دىلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
3)ئەيىپنامە 8نۇسخا .
4)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى 1 پارچە .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论