شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020) 1137–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ياXX (باشقا ئىسمى ، لەقىمى يوق) ،ئەر، ئۇيغۇر ، ****- يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 6528221986******** ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، ئىشچى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شنجاڭ ** ناھىيىسى ** يېزىسى ** كەنت 1-گۇرۇپ 214-نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى ** زاۋۇتى ئىشچىلار ياتىقى . ئىلگىرى جازالانمىغان . 2020-يىل 01- ئاينىڭ 12-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ياXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى11 - ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنى ئوقتۇردۇق . پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دىلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 1:30لار ئەتراپىدا، جاۋاپكار ياXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، پىراۋىسىز *****新M نۇمۇرلۇق ماشىنىنى ،كورلا شەھەر106-ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىن نەنكۇ چوڭ يولىدا جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ ھەيدەپ ، كورلا شەھەر جويۆ چۈنتىئەن ئولتۇراق رايۇنى ئالدى يول بۆلىگىگە كەلگەندە، ماشىنا توختۇتۇش جەريانىدا مەشغۇلات توغۇرا بولماي، يول ياقىسىدىكى گۈلۈككە چۈشۈپ كەتكەن . نەتىجىدە قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇپ ئوت كىتىشتەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان .
شىنجاڭ جۇڭ شىن ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2018) 4015-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا ياXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا163.37مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى (2019)544140-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ،ياXX مۇشۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ،باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، جىنايى پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار ياXX دىلودىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار ياXX قاتناش-تىرانسىپوت باشقۇرۇش قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ، مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ 1- مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان بۇلوپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 15- ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ. شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس
2020-يىلى 12- ئاينىڭ 1-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن. (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ،ئون نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论