شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 588-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: رXX ، ئەر، ئويغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 4711******65212219، پىچان ناھىيە **بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ،دېھقان ،ئىلگىرى جازالانمىغان ،ئۇغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ ،2020-يىلى 3-ئاينىڭ17-كۈنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن ،2020-يىلى9-ئاينىڭ17-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رXXنىڭ ئۇغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىلېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
1. 2018-يىلى 11- ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 22 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز پىچان ناھىيە پىچان بازار ** رايونى «**» ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ ، **نىڭ يان ئىشكىنىڭ قۇلۇپلانمىغانلىقىنى بايقاپ ئوغۇرلۇق قىلىش نىيىتىگە كەلگەن ھەم شۇ **نىڭ يان ئىشىكتىن كىرىپ ،ئۈچىنچى قەۋەتتىكى زىيانلانغۇچى گاۋ XXنىڭ « **» تەربىيلەش مەركىزىگە ئىشخانىسدىكى ئۈستەل ئۆستىگە قۇيۇپ قويغان **يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە «لىيەنشاڭ»ماركىلىق خاتىرە كومپىيۇتىر ،بىر دانە **يۈەن قىممىتىىدىكى، «خۇۋاشو» ماركلىق خاتىرە كومپىيۇتىرنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ ، باشقىلارغا ئەرزان باھادا سىتىۋىتىپ، پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .
2. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى مەلۇم بىر كۈنى (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) كەچقۇرۇن ، جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، ئىككى چاقلىق موتسېكىلىتى بىلەن ئايلىنىپ ، پىچان بازىرى ** يۇلى كۆۋرۈكنىڭ ** تەرىپىدىكى چۈنجىلەر بار جايغا بېرىپ ،زىيانلانغۇچى ھاXXنىڭ چۈنجىسىنىڭ ئالدىغا يىيتىپ قويغان **كىلوگرام ،**يۈەن قىممىتىدىكى قۇرۇق قارا ئۈزۈمىنى ئۇغۇرلاپ باشقىلارغا ئەرزان باھادا سېۋىتىپ، پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
3. 2019-يىلى 3-ئايلاردا مەلۇم بىر كۈنى (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) كەچقۇرۇن ، جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ، زىيانلانغۇچى شەXXنىڭ، پىچان ناھىيە ** بازىرىدىكى «** دۇكىنى» نىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىپ پۇل ساقلايدىغان ئىشكاپنى ئىچىپ، **يۈەن نەق پۇلىنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
4. 2019-يىلى 7-ئايلاردا مەلۇم بىر كۈنى (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) چۈشتىن كىيىن ، جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** كەنتىدىكى زىيانلانغۇچى ياXXنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،ھويلىسىدىن **يۈەن قىممىتىدىكى،بىردانە ئۈچچاقلىق (قىزىل رەڭلىك ،ۋۇيياڭ ماركىلىق، 110تىپلىق)موتسېكىلىتىنى ئۇغۇرلاپ، ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ دەپ ئەرزان باھادا سىتۋىتىپ، پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
5. 2019-يىلى 7-ئايلاردا مەلۇم بىر كۈنى (كونكىرىت ۋاقتى ئىنىق ئەمەس) چۈشتىن كىيىن ،جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** كەنتىدىكى زىيانلانغۇچى غۇXXنىڭ چۈنجىسىنىڭ ئالدىغا تۇختىتىپ قويغان بىر دانە ئۈچ چاقلىق، ** يۈەن قىممىتىدىكى(قىزىل رەڭلىك ، زوڭشىن ماركىلىق،125تىپلىق)موتسېكىلىتىنى ئۇغۇرلاپ، ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىدىغانلارغا ئۆزەمنىڭ موتسېكىلىتى دەپ ئەرزان باھادا سىتۋىتىپ،پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانلېرى ؛3 . جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان ئىنىقلاش ،تەكشۈرۈش خاتىرە،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى؛6.ئاڭلاش -كۆرۈش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار رXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار رXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلېرىنى كۆزگە ئىلماي، قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ، پۇقرالارنىڭ **يۈەن قىممىتىىدكى پۇل -مىلىنى يۇشۇرۇن ھالدا ئىلۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن ئۇغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكارنىڭ ئۇغۇرلۇق قىلمىشىغا بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا: 3يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار رXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار رXXغا مۇددەتلىك 6ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ ،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار رXXنىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى10-ئاينىڭ 10-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار رXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ****1811696
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا ،ئۈن -سىن دېسكىسى 2دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论