欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某盗窃案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

               ت ت جىنايى ئىشلار 1- بۇلۇم ئەيىپلەش  (2021)  13-نۇمۇرلۇق

  جاۋابكار ر**، ئايال، ئۇيغۇر، ** ياش، 19**يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6529525*******2020 تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدنىيەت سەۋىيسگە ئىگە. دېھقان،تو** ناھىيىسدىن، ئۆ** يېزا قا** كەنىت 1-گوروپ 56-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 20**يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى  ئوغۇرلۇق جىنايىتىى بۇيچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

جاۋابكار ر** ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 10 -ئاينىڭ 15-كۈنى (2021) 36-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى  ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى.

مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى. 

جاۋابكار ر** 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 07-كۈنى سائەت 16:30 دە ئۈچقات يېزا كونا مال سېتىۋېلىش بازىرنىڭ قارىشى تەرىپىدىكى كىچىك توپا يولغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختسى يوق قىزىل رەڭلىك، ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى كۈرۈپ ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتدە، ئۈچقات يېزا كونا مال سېتىۋېلىش بازىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى يولنىڭ دوقمۇشىدىكى ئېلى نىياز توكسىكىلىت رىمىنوت قىلىش دۇكىنىغا بېرىپ، مەر** ئىسىملىك رىمىنۇتچىغا توكسىكىلىتىنىڭ ئاچقۇچىنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم دەپ يالغان سۆزلەپ، توكسىكىلىتنى قوزغىتىپ بېرىشنى ئېيتقاندىن كىيىن مە** ماقۇل بۇلۇپ جاۋابكارر** بىلەن بىرگە جاۋابكار ر** ئوغۇرلىماقچى بولغان  قىزىل رەڭلىك، ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ يېنىغا كېلىپ توكسىكىلىتنىڭ توك يۇلىنى ئاجىرتىپ توكسىكىلىتنىڭ قوزغىتىپ بەرگەندىن كېيىن، جاۋابكارر** توق قىزىل رەڭلىك، داجىياڭ ماركىلىق، 5819 يۈەن قىممىتىدىكى، تىپ نۇمۇرى: LB78K2201LW211191 بولغان ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ   ھەيدەپ مە** رىمىنۇتخانىسىغا ئاپىرىپ 20 يۈەن تۆلەپ توكسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچ سالىدىغان يىرىنى ئالماشتۇرۇغان. جاۋابكارر** ئوغۇرلىغان توكسىكىلىتنى سېتىۋىتىش ئۇچۇن توكسىكىلىتنى ھەيدەپ توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازىرىغا ئاپىرىپ ئىككى توكسىكىلىت سېتىش ئورنىغا بېرىپ توكسىكىلتىنى ساتالماي توكسىكىلىتنى ھەيدەپ ئۈچقات يېزىغا قايتىپ كىلىۋاتقاندا ئۈچقات يېزا خەلىققە قۇلايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت قولغا چۈشۈپ ئەسلى ئىگىسى ر** قايتۇرۇپ بېرىلىپ، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

توقسۇ ناھيە تەرەقييات ۋە ئىقساد كومتىتىنىڭ باھا بىكتىشنامسى بار بۇلۇپ ئوغۇرلانغان موتىسكلىتنى 5819 يۇەنگە باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،  ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى  قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ. 

مەھكىممىز، جاۋابكار ر** يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى  شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار ر**«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا،67-ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋابكار ** 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 2000 يۇەن ئىشتراپ جازاسى بېرىش توغىرسدا تەكلىپ بېرىمىز . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 تەپتىش : نۇرمەمەت ۋاھىت 

تەپتىش : ئەمەر قادىر 

           2021-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

قۇشۇمچە : ①  جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top