欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某贩卖毒品案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                     

                  ئۈ ت ت 2-بۆلۈم ج ئە202068–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ر**، ئەر، ئۇيغۇر، 1986-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501021986، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** يولى **-نومۇر **-بىنا **-زال **-نومۇر. زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن، 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى جەمئى ئۈچ قېتىم مەمۇرى جەھەتتىن توختىتىش جازاسى بىرىلىپ، مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش، توشۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمىگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان، شۇ ئاينىڭ 25-كۈنى مەجبۇرلاش تەدبىرى ئۆزگەرتىلىپ جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش، توشۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمىگو رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمىگو رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ر** نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش، توشۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 30-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 19:30 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ر** شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** كەسپى داشۆسىنىڭ ئالدىدا، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى ي**، م** لەرگە 10 تال(بىر بەنزە) ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇم(سافىي)نى 1100 يۈەنگە سېتىپ بەرگەن ۋە بۇ 1100 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇ كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەكشۈرۈش ئارقىلىق، زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى م** نىڭ يېنىدىن جاۋابكار ر** سېتىپ بەرگەن 10 تال(بىر بەنزە) ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇم(سافىي)نى تۇتۇپ قالغان. 

2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جاۋابكار ر** دۆلەت تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنىدىغان روھلاندۇرغۇچى دورا سافىي(بوتانوفىن) سېتىۋېلىپ ** شەھىرىگە ئېلىپ كىلىپ سېتىش ئۈچۈن ** شەھىرىگە بېرىپ، ** شەھىرىدە باشقىلاردىن جەمئى 549 تال(55 بەنزە) ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇم(سافىي)نى سېتىۋېلىپ، بۇنىڭدىن 399 تال(40 بەنزە)نى تىز يوللانما شىركىتىنىڭ ** شەھىرىگە يەتكۈزۈپ بىرىشكە ھاۋالە قىلغان، قالغان 150 تال(15 بەنزە) ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇم(سافىي)نى ئۆزى يېنىدا ئېلىپ، ** شەھىرىدىن ** شەھىرىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ** شەھىرىگە توشۇپ ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن، 2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 1:00 لەر ئەتراپىدا، ** خەلقئارا ئايروپورتىدا تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەرىپىدىن تۇتۇلغان. تەھقىقلىگۈچى ئورگان جاۋابكار ر** يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن سومكىنىڭ ئىچىدىن، 150 تال(15 بەنزە) ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇم(سافىي)نى ئاختۇرۇپ تاپقان ۋە تۇتۇپ قالغان.

تەھقىقلىگۈچى ئورگان 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 19:00 لار ئەتراپىدا، ** شەھىرى **رايونى **كوچىسى **-نومۇردىكى ** تېز يوللانما تارماق شىركىتىدىن جاۋابكار ر** توشۇشقا ھاۋالە قىلغان بىر دانە تېز يوللانما پوسۇلكىسىنى بايقىغان ۋە تېز يوللانما پوسۇلكىسى ئىچىدىكى زاۋۇت ئورالمىسىغا ئورالغان جەمئى 399 تال (40 بەنزە) ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇم(سافىي)نى تۇتۇپ قالغان.

قانۇن بويىچە ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ۋە تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكار ر**نىڭ يېنىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلىپ تۇتۇپ قېلىنغان 150 تال ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ جەمئى 10.5 گىرام(ھەر بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 0.07 گىرام) ئىكەنلىكى، تىز يوللانما پوسۇلكىسى ئىچىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلىپ تۇتۇپ قېلىنغان 399 تال ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ جەمئى 27.93 گىرام(ھەر بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 0.07 گىرام) ئىكەنلىكى، جاۋابكار ر** زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى م**گە سېتىپ بەرگەن 10 تال ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇمنىڭ ساپ ئېغىرلىقىنىڭ جەمئى 0.7 گىرام(ھەر بىر دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 0.07 گىرام) ئىكەنلىكى، بۇ 559 تال ئاق رەڭلىك تابلىت بويۇمنىڭ تەركىبىدە بىردەك بوتانوفىن(باشقا ئاتىلىشى: گىدروخلورىد دىنمىنوفى)(丁丙诺菲) تەركىبىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. ماددى ئىسپات: جاۋابكار ر** زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىشتا ئىشلەتكەن بىر دانە ئوپپو ماركىلىق يانفون. 

2. يازما ئىسپات: جاۋابكار ر**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى، ئۈندىداردا پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى، جاۋابكارنىڭ **غا بېرىپ-كىلىش ئايروپىلان بىلىتى، تىز يوللانما توشۇش تالۇنى، زەھەرلىك بويۇمنى تونۇتۇش سۆرىتى قاتارلىقلار؛

3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: م** قاتارلىق 11 نەپەر گۇۋاھچىدىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛

4. جاۋابكار ر**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

5. ئاختۇرۇش، تۇتۇپ قېلىش،  ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛ 

6. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛

7. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنى تۇتۇپ قېلىش تىزىملىكى، جاۋابكار ر**نىڭ ئىلگىرى مەمۇرى جەھەتتىن جازالانغانلىقىغا ئائىت ئىسپات، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن چۈشەنچە ئىسپاتى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ر**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ر**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ساتقان ۋە سېتىپ قانۇنسىز پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن زەھەرلىك بويۇم سېتىۋېلىپ توشۇغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش، توشۇش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

     تەپتىش: پەرھات ئەركىن 

                                تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ئوبۇل

2020–يىلى 10–ئاينىڭ 29–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار ر**  **شەھەرلىك **-قاماقخانىدا قاماقتا؛

2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام، دېلوغا چېتىشلىق بىردانە يانفون(ماددى ئىسپات) بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top