شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2019) 428- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار رXX، ئەر، ئۇيغۇر، 8819-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى :1988********652101، تۇرۇشلۇق ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** يېزىسى ** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، كەسپى: دېھقان. سىياسى قىياپىتى: ئامما، مەدەنىيەت سەۋىيىسى: تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. ئىلگىرى جازالانغان بولۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2018-يىلى 6-ئايدا تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 10ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇ قېتىم ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان .
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئى ر ج خ ئە (2019)425-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىندىغان تۈزۈم قوللىنىپ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكار بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
جاۋابكار رXX 2019-يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** بازار ** كەنت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ قاماقخانىدىكى بالىسىنى يول مېڭىپ ئىلىپ چىقىپ بېرىش ياكى ئەمگەك قىلىدىغانلار كامىرىغا يۆتكەپ ئەركىن جىنايەتچى قىلىپ بېرىمەن دەپ، ئىلگىرى–كىيىن بولۇپ جەمئى 11000 يۇەن نەق پۇل ۋە 1100 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە قوينى ئالداپ ئېلىۋالغان .
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى؛ قەرز ھۆججىتى، تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى، سوراق جەريانىنىڭ ئۈن-سىن دېسكىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ؛ جاۋاپكار رXXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار رXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، يالغاندىن پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ باشقىلارنىڭ 11000 يۈەن نەق پۇلىنى ۋە 1100 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىپ خەجلىۋالغان قىلمىشىدىن، ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 266-ماددىسى، 65-ماددىسى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. جاۋاپكارغا 1 يىلدىن يۇقىرى 2 يىل 6 ئايدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتراف قويۇش تەكلىپى بېرىمىز. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكار رXX ئىدىقۇت رايونلۇق قاماقخانىدا قاماقتا.
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 3 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا، تۆۋىنامە بىر نۇسخا، ئۈن-سىن دېسكىسى 1 دانە بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论