شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش ج ئى ئە چىقىش (2019) 762 -نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: : رXX، ئايال، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65212219******0024، پىچان ناھىيە** بازار **كەنت 4-گۇرپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.
جاۋاپكار: مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65212219******1471، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنت 1-گۇرپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رXX، مXXنىڭ ئالدامچىلىق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
1. 2020- يىلى -1 ئاينىڭ باشلىرى، جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق ئىXXغا شوپۇرلۇق 4- تۈر ئىمتىھانغا قاتناشتۇرماي ئۆتكۈزۈپ قويىدىغاننى باھانە قىلىپ ئىXXدىن 1000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىۋىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
2. 2020- يىلى -1 ئاينىڭ 5- كۈنى، جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز ئىگەللىۋلىش مەقسىتىدە، ئىXX ئارقىلىق تونۇشقان پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنىتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىXX بىلەن مXXقا شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇماي پىراۋا بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ ئىXX، مXXدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 2050 يۈەندىن 4100 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىۋىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن)
3. 2020- يىلى -1 ئاينىڭ 6- كۈنى، جاۋاپكار رXX ئۆزى يالغۇز ئىگەللىۋلىش مەقسىتىدە، ئىXX بىلەن مXXلار ئارقىلىق تونۇشقان پىچان ناھىيە ** يېزا ** كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق لىXXگە شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇماي پىراۋا بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ، لى XXدىن 2050 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىۋىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.(زىيان ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن)
4. 2020- يىلى -1 ئاينىڭ 27- كۈنى، جاۋاپكار رXX، مXXلەر بىرلىشىپ ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، تۇرپان شەھەر ** يېزا ** مەھەللە 5- كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق ئاXX بىلەن ئايالى پەXXنى ئالداپ، پXXا شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇماي پىراۋا بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ پXXنىڭ 2050 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
5. 2020- يىلى 1- ئاينىڭ ئاخىرلىرى، جاۋاپكار رXX، مXXلەر بىرىلىشپ ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، ئاXXقا پىراۋا بىجىرىدىغانلار بولسا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئىيىتىپ، ئاXX ئارقىلىق تۇرپان شەھەر ** يېزا 5- كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق ئاXXغا شوپۇرلۇق ئىمتىھانغا قاتناشماي پىراۋا بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ ئاXXرنىڭ 3050 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
6. 2020- يىلى -1 ئاينىڭ ئاخىرلىرى، جاۋاپكار رXX، مXر بىرلىشىپ ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، ئاXXقا پىراۋا بىجىرىدىغانلار بولسا تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئىيىتىپ، ئاX ئارقىلىق تۇرپان شەھەر** يېزا ** كەنىتتە ئولتۇرۇشلۇق د**غا شوپۇرلۇق ئىمتىھانغا قاتناشماي پىراۋا بىجىرىپ بىرىشنى باھانە قىلىپ ئاXXنىڭ 3050 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋىلىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى؛ 3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى؛ 4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 5. تونۇتۇش خاتىرىسى؛ 6. ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار رXXX، مXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار رXX ئۆزى يالغۇز ۋە جاۋاپكار مXX بىلەن بىرىلىشىپ ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ 15300 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى، جاۋابكار مXXنىڭ جاۋاپكار رXX بىلەن بىرلىشىپ ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ 8150 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسى 25- مادىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.
جاۋابكار رXX، مXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن
2020يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئىزاھات :
1. جاۋاپكار راXX، مXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: XX، XX
2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تىلخېتى 2 پارچە، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论