欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某盗窃案)(公开版)

2021-09-19 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

شايار ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى   

                                        شايار ت ج ئە   (2020)XX-نۇمۇرلۇق

 جاۋابكار رXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292419XXXXXX36، دىھقان، ماسسا،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت XX-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق،  شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمسىى تەرپىدىن 20XX-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل يەتتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۇكۇم قىلىنىپ، جازاسىنى ئۇچ يىل كىچىكتۇرۇپ سىناپ كۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان. 20XX-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن شايار ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن 15 كۇن مەمۇرى توختۇتۇش جازاسى بىرىلگەن. بۇ قېتىم 20XX-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن شايار ناھىيلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ 20XX-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى مەھكىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان، ھازىر شايار ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا .

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار رXXىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شايار ج خ چىقىش (2019) XX- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار رXX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۇنى شايار ناھىيە تەۋەسىدە ئۇچ قېتىم ئۆيگە كىرىپ ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلىپ، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت 2-گورۇپتىكى تXXنىڭ ئۈيىگە كىرىپ جەمئى 45 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە سېرىق رەڭلىك زەنجىر، بىر دانە سېرىق رەڭلىك بىلەيزۇك، بىر دانە سېرىق رەڭلىك ھالقا، بىر دانە كۇمۇش رەڭلىك زەنجىر قاتارلىق بۇيۇملارنى، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت 2-گورۇپتىكى ياXXنىڭ ئۇيگە كىرىپ 4000 يۈەن نەق پۇلنى، شايار ناھىيەXXبازىرى XX كەنىت 6-گورۇپتىكى ئوXXنىڭ ئۈيىگە كىرىپ 40 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە داغمال بۇلۇپ، جەمئىي 4085 يۈەن قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە مال–مۈلۈكنى ئوغۇرلىغان. دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋابكار رXXنىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە شەخىسىلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل-مېلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋابكار رXX ئۆيگە كىرىپ كۆپ قېتىم ئوغۇرلۇق دىلوسى سادىر قىلغان. ئىلگىرى ئوغورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىپ مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ جازاسىنى سىناپ كۈرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان . ئوغۇرلۇق قىلمىشى بىلەن مەمۇرى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنغان. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار رXXىغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۈيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار رXXغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تېگشلىك .شوڭا، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن :

شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

تەپتىش : XXXX

2020- يىلى XX- ئاينىڭ XX- كۈنى

قۇشۇمچە:1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى،جازا ئۆلچەش تەكلىبنامىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ئارخىبىبىرگە يوللاندى . 

 2)  جاۋابكار قاماقتا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top