ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020)11 –نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار رى**، ئايال، ئۇيغۇر، 1973-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501031973، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: **رايۇنى **يولى **-نۇمۇر **-رايۇن **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايۋاغ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن 4ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىپ قوشۇمچە 1000يۇەن جەرىمانە قويۇلغان. 2017-يىلى 3-ئايدا ھەم 12-ئايدا ئايرىم ئايرىم مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن.2019-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ تۇتۇلۇپ زەھەر چەككەنلىگى ئۈچۈن 15كۈن مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن.2019-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى قاماقخانا كېسەل سەۋەبى بىلەن قۇبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار رى**نىڭ ئوغۇرلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 18-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
1.جاۋابكار رى** 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى **شەھىرى **رايۇنى **يولىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شا **نىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ تىيانشان رايۇنى جەنۇبي شىنخۇا يولى گاز قاچىلاش پونكىتى ئالدىدا چۇشۇپ قالغۇچە بولغان ئارلىقتا ماشىنىنىڭ ياردەمچى شوپۇر ئورۇندۇغىغا ئېسىپ قويغان سومكىدىن 1950يۇەننى ئوغىرلاپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.
2.جاۋابكار رى**2019-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 12:30لەردە **شەھەر **رايۇنى **يولىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يۈ**نىڭ تاكسىسىغا چىقىپ 1-ماي يولىغا كەلگىچە بولغان ئارلىقتا ماشىنىنىڭ ئالدى ئىككى ئورۇندۇق ئوتتۇرسىغا قويۇپ قويغان 1622يۇەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك 128جىلىق خۇاۋېيmate10 يانفۇننى ئوغىرلاپ سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.
جاۋابكار رى**جەمئى 2 قېتىم ئوغىرلىق قىلغان بولۇپ ئومۇمىي قىممىتى 3572يۇەن بولۇپ زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن.
جاۋابكار رى** 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سايۋاغ رايۇنى چىڭفىڭ يولى 032-نۇمۇرلۇق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ يېنىدىكى ئاھالىلار كومىتىتى سېلىپ بەرگەن ئۆيدىن تىيانشان رايۇنلۇق ج خ شۆبىسى تەرىپىدىن ئوغىرلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ كېلىنگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار رى**نىڭ نۇپۇس ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2.زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار رى**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار:جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى؛ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنى، دىلۇنى يۈزلەشتۈرۈش خاتىرىسى، جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى:
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار رى**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، شەخسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مېلىنى يوشۇرۇن ئوغىرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن
تەپتىش ياردەمچىسى:مەردان ھۈسەنجان
2020–يىلى 1–ئاينىڭ 10–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار ھازىر تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئىلىنغان ؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش ماتىرىيال توپلىمى2 توپلام بىرگە يوللاندى؛
3.ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى؛
4.جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论