欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت  ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم  ئەيىپلەش (2020)53-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار ر**، ئەر،ئويغۇر،**ياش،19**-يىلى **-ئاينىڭ *-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى********1033652925،  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان، ت** ناھىسىدىن، ئ** يېزا ت** كەنىت *-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018- يىلى11 -ئاينىڭ 22 -كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2019-يىل11-ئاينىڭ 21-كۈنى كېپىللىك ۋاقتى توشقانلىغى ئۈچۈن كېپىللىكتىن بىكار قىلىنىپ 2019-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۇنى قايتا بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ر** ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2019) 132-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

  جاۋابكار ر** 2018-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 0:30ئۆتكەن ئەتىراپتا،  توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئۈزى يالغۇز ئاق ھاراقتىن بىر بوتولكا ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ، 7- ئاينىڭ 19- كۈنى سائەت 4 ئەتراپىدا دۇكاندىن چىقىپ ، دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新NL2226نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتىسكىلىتىنى ھەيدەپ، توقسۇ ناھىيە ئ**يېزا ت** كەنتىگە قاراپ ھەيدەپ ، توقسۇ ناھىيە يۈجىياڭ مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ر** ھەيدىگەن موتوسىكىلىتنى تۇسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ر**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىنى بايقاپ،توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان. 

 شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 4289-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدە: ر**ىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 100 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

    يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ر**ىنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ .  جاۋاپكار ر**ىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 4000 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                               تەپتىش :  گۇلەم تاش                      

                                تەپتىش:    مۇنىرە ئېلى

                        2020-يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى،  بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top