欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某涉嫌危险驾驶案)(自然人犯罪案件)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 63-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

  جاۋابكار ر**، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1016  ********652925. باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، xx ناھىيسىدىن ، xx ناھىيە ** يېزا ** كەنت 5-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى  توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

 جاۋاپكار ر**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، (2019) 141-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

 قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار ر** 2017-يىل 08-ئاينىڭ 07-كۈنى سائەت 16:00 ئەتىراپىدا، توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق بازار توما كەنت تەۋەسىدىكى ئارامگاھتا ق**قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن چىقىپ، ئارامگاھنىڭ ئالدىغا توختتۇپ قويغان 新N** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى  پىراۋىسىز ھەيدەپ، ** بازار** كەنت 5-گوروپتىكى ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن شىمالدىن جەنۇپقا يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، ** يېزا ** كەنت مەھەللە كومتىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ئالدى تەرەپتە كىتۋېتىپ توختىغان ر** ھەيدىگەن نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت بىلەن سۇقۇلغاندىن كىيىن، جاۋاپكار  ر** يارلانغان.  توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى نەق مەيداننى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ر**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، ر**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان،

 شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2017) 5649-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ر**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 218 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە ، ئۈن- سىن ماتىريالى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى .جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ر**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق اقتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ر**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 10مىڭ يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

                                    تەپتىش : ئۆمەر قادىر

                                     تەپتىش: مۇنىرە ئېلى

                             2020-يىلى3-ئاينىڭ 24-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش ، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.4› دىلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسىمىدا تەرەپلەر كىلىشىپ تۈگەشكەن . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top