كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش (2020) 1295-نۇمۇرلۇق جاۋاپكار راXX،ئەر،1975-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:XXXXXX 6528011975 ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،XX ئىدارىسى ئىشچىسى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:كورلا شەھىرى XX يولى XX باشقارمىسى XX ئەترىتىXX-بىنا XX-كورپۇس.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ كورلا شەھىرى XXئولتۇراق رايۇن XXبىناXXئېشىك XX-ئۆي.2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار راXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 20:03لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار راXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新MXXXنومۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھەر XX يولى كۆۋرۈكىگە كەلگەندە،مەشغۇلات توغرا بولمىغانلىقتىن ماشىنا كونتىروللىقىنى يوقىتىپ،يول ياقىسىدىكى يول تاختىيىنى سوققان،نەتىجىدە يول بەلگە تاختىسى،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ XX ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ( 2020 )XX-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتورىيەلىك تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا،جاۋاپكار راXXنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 234مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ (2020)XX-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىدا راXX بۇ قىتىمقى قاتناش ھادىسىدە پۈتۈن مەسئولىيەتنى ئۇستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى،باھالاشنامە،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە سۇرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار راXX ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار راXXنىڭ قاتناش-ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇننىڭ 2-تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار راXX جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئىتراپ قىلغان بۇلۇپ «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە كەڭچىللىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىنسا بۇلىدۇ.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار راXXنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
2020-يىلى12-ئاينىڭ27-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论