欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某某吸毒案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

                                 ك ت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) -نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار رX، ئەر، ئويغۇر، 1991-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529231991 باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دىېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: كۇچا ناھىيە ** يېزا **كەنىت **-گوروپپا**-نۇمۇر. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن زەھەر(نېشە) چەككەن قىلمىشىغا مەمۇرى جەھەتتىن 5كۈن توختۇتۇپ قۇيۇش جازاسى بېرىلگەن. 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن زەھەر(نېشە) چەككەن قىلمىشىغا مەمۇرى جەھەتتىن 12 كۈن توختۇتۇپ قۇيۇش جازاسى بېرىلگەن. 

ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 04-ئاينىڭ 14-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 273-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار رXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ « جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۇنى جاۋابكارغا ئاقىلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ، دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق ، 2020-يىلى8-ئاينىڭ 13-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى ئۇزارتتۇق ، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى ،يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دىلودىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار رX 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12:00لەر بىلەن كۇچا شەھەر خانقتىام يېزا ئۇزۇن كەنىت بوژقۇدۇق دىېقانچىلىق مەيدانىدا قوي بېقىش جەريانىدا، شۇ يەردە باشقىلارنىڭ يىرىنى باشقۇرۋاتقان ئاXبىلەن پاراڭلىشىپ كىلىش مەقسىتىدە، ئۆزى يالغۇز ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى مىنىپ، ئاXنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھويلىغا كىرىپ، ئۆيدە ئادەم يوقلۇقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئاXنىڭ ياتىدىغان ئۆيىگە كىرىپ، ئۆينىڭ ئچىدىكى تېلۋىزۇر قۇيدىغان ئىشكاپنىڭ ئۈستىدىكى توككا چېتىپ قويغان بىر دانە 460 يۈەن قىممىتىدىكى ** ماركىلىق كۈلرەڭ  تېلفۇننى ئوغۇرلاپ ئەچىققان.ئارقىدىن ئاXنىڭ يان خوشنىسى شXىڭ ئۈيىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قۇلۇپىنى بىر دانە خىش پارچىسى بىلەن ئۇرۇپ چېقىپ ھويلىغا كىرىپ، ھويلا ئىچىدىكى ئىشىكلىرى ئۇچۇق ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيگە ئايرىم-ئايرىم كىرىپ، ئوغۇرلىغىدەك ماددى بۇيۇم تاپالماي يېنىپ چىقىپ، شۈX نىڭ يان تام خوشنىسى فXىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، دەرۋازىنىڭ ئارلىقىدىن قۇلىنى تىقىپ، دەرۋازا ئىچىدىن ئىلىپ قويغان تاقۇغۇشنى قۇلى بىلەن ئىتتىرىپ ئېچىپ ھويلىغا كىرىپ، بىردانە ئاق رەڭلىك قۇرۇق باكنى تېپىپ، ھويلىغا توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق  موتسىكلىتتىن ئىككى كىلو ئەتىراپىدىكى بېنزىننى ئوغۇرلاپ ھويلىدىن قايتىپ چىقىپ، ئوغۇرلاپ ئەچىققان بېنزىننى ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىغا قاچىلغان. ئارقىدىن يەنە فXىڭ ئۆيىنىڭ قارشى تەرپىدىكى د X نىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، دەرۋازىنىڭ ئارلىقىدىن قۇلىنى تىقىپ، دەرۋازىنى چىگىپ قويغان سىمنى يىشىپ دەرۋازىنى ئېچىپ ھويلىغا كىرىپ، ھويلىغا توختۇتۇپ قۇيۇلغان ئىككى چاقلىق موتسىكلىتتىن قۇرۇق باكقا ئىككى كىلوگىرام ئەتىراپىدا بېنزىن چۈشۈرگەن ھەمدە ھويلا ئىچىدىن بىردانە تۈمۈر دەستىلىك پالتا، بىردانە بىر يېرىم مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىت باغلايدىغان تۈمۈر زەنجىرنى ئوغۇرلاپ ئەچىقىپ، دX نىڭ ئۆيىنىڭ قارشى تەرپىدىكى لXنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، دەرۋازىغا سېلىپ قويغان قۇلۇپنى دXنىڭ ئۆيىدىن ئوغۇرلاپ ئەچىققان پالتا بىلەن ئۇرۇپ چېقىپ ھويلىغا كىرىپ، ھويلىدىكى دۇكان قىلىپ ئاچقان ئۆينىڭ قۇلۇپىنىمۇ پالتا بىلەن چېقىپ، دۇكان ئىچىگە كىرىپ، دۇكانىڭ ئىچىدىكى پۇل سېلىپ قۇيىدىغان ئىشكاپنىڭ تاتمىسىدىن 470 يۈەن نەق پۇل ۋە مال جازىسىغا ئېسىپ قويغان ئىككى يۈرۈش ھەربىيچە كىيمىنى ئوغۇرلاپ ئەچىقىپ،موتسىكلىتنى مىنىپ كۇچا شەھىرى ** يېزىسى ** كەنىت 3-گوروپتىكى ئۈيىگە قايتىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.  

 دىمەك ، جاۋابكار رXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات ، يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ، باھالاش يەكۈنى ، تەكشۈرۈش ئېنىقلاش خاتىرسى ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى ، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تۇلۇق بېكىتىشكە بولىدۇ . جاۋابكارنىڭ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق ، ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ، جاۋابكار رXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلغايسىزلە.   

ھۆرمەت بىلەن: 

                             تەپتىش: ياسىن رۇزى 

                           2020-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار رXھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى ، 12 نۇسخا ئەيىبنامە ، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى ، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتىراپنامىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top