شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1- بۇلۇم ئەيپلەش(2021)70-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ر**، ئەر، ئۇيغۇر ** - يىلى **- ئاينىڭ**- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 3025** 652925 باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان ، ** ناھىيسدىن، ** بازار ** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئېلگىرى جازالانمىغان. 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ر**دىن گۇمان قىلىنغان خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارسى 2021- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى (2021) 124-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى .مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
جاۋابكار ر** 2021- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنى 18:35 ئەتىراپىدا، ** ناھىيە ** بازار ** كەنت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ئە**نىڭ ئۈيىدە باشقىلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ چىقىپ، ئە**نىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا توختتىپ قويۇلغان ** نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ** كەنت 4-گوروپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە ، يولنى كىسىپ ئۈتىۋاتقان ئە** بىلەن سۇقۇلۇپ، ئە** يىنىك يارلانغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن قاتناش ھادسسنى پەيدا قىلىغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2021)960-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدە ر**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 223 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، ئۈن-سىن ماتىريالى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار .يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىممىز، جاۋابكار ر**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار**غا ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›نىڭ 133-ماددا 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بىرىش زۇرۇر ، جاۋابكارغا 5ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ،قۇشۇمچە 10000يۇەن شىتراف قۇيۇش جازاسى بېرىش توغىرسدا تەكلىپ بېرىمىز، شۇڭا »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى› نىڭ -176ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئەمەرجان ئەمەت
تەپتىش :ئەمەرجان ساتتار
2021 -يىل3-ئاينىڭ 8-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ②2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالىبىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论