温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕171号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2019 )171-نومۇرلۇق
جاۋابكار رXX، ئەر،XX 20 -يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى :XXXXXXXXXX 65292220 ، ئۇيغۇر ، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، XXناھىيە XXبازار XX كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، XXيېزا ئىگىلىك كەسپى تېخنىكا شۆيەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2018-يىلى11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا كېپىلگە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار رXXنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋابكارغا، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادوۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلق دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، بۇ دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى، جاۋابكار دېلودا تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپىنى قوللۇنۇشقا قوشۇلدۇ.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار رXX 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 4دىن10 مىنۇت ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، پىراۋسز، 新NQ5XXX نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ، XXناھىيە XXبازار XX-كەنىت XX-مەھەللە يول بۆلكىدە كىتۋاتقاندا، شۇ يولدا چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ئارال ساقچىخانا ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان .
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەسى ماددى ئىسپاتنى ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) XX48-نومۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاش يەكۈنىدە، جاۋبكار رXXنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت تەركىبى mg/100ml166.28چىققان .
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رXXنىڭ مەست ھالەتتە يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش زۆرۈر.
جاۋابكار رXXنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جاۋابكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار رXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش : مۆيدىن ئىبرايىم
پۈتۈكچى: ئېزىزىجان ئابلەت
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى، 3 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىبى، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار رXX ھازىرئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论