شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىبلەش (2020)678–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار رXX (باشقا ئىسمى ، لەقىمى يوق) ،ئەر، ئۇيغۇر، ****- يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 652801198، تۇلۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيەسىگە ئېگە، دېھقان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن:كورلا شەھىرى ** يېزا ** كەنىت**-گۇرۇپپا 36-نۇمۇر،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: كورلا شەھىرى**ئولتۇراق رايۇن**بىنا5 – كورپوس 101-نۇمۇر . 2019-يىل 07-ئاينىڭ 19-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار رXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى7 - ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ شۇ كۈنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە جاۋاپكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنى ئوقتۇردۇق . پۈتۈن دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ دىلو پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى05-ئاينىڭ 02-كۈنى سائەت 00دىن30 مىنوتلار ئەتراپىدا، جاۋاپكار رXX ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە新M***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ،كورلا شەھىرى ** يولى **ئولتۇراق رايۇن ئالدى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا ھەيدەپ ، ماشىننى ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا ،新M**** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنا بىلەن سوقۇلغان. نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىشىدەك قاتناش ھادىسى سادىر بولغان.
شىنجاڭ جۇڭ شىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 3218-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار رXXنىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا212مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ باھالاپ بېكىتكەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى (2019) 624449- نۇمۇرلۇق قاتناش ۋەقەسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ،رXX بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى يازما ئىسپات ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى ،باھالاش يەكۈنى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، جىنايى پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋاپكار رXXدىلودىكى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار رXX قاتناش-تىرانسىپوت باشقۇرۇش قانۇن –نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇن 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . شۇڭا‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكار رXXنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق ،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئىلھام يۇنۇس
2020-يىلى 8- ئاينىڭ 29-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋاپكار بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن. (2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ،ئون نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论