欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 800مۇرلۇق

جاۋابكار رXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419XXXXXXXXXX، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، توكچى، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنت X-گورۇپ XX-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 617-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار رXX XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى سەھەر سائەت 01:00 لەر ئەتىراپىدا، XX ناھىيە XX بازىرى XX  خوگوخانىدا يXX، تXXر بىلەن ھاراق ئىچىپ بولۇپ، سورۇندىن چىقىپ يولنىڭ بويىدىكى ھاراق دۇكىنىغا كىرىپ داۋاملىق ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن سەھەر سائەت 06:00 لەر ئەتراپىدا ئۈيىگە قايتىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12:15 لەر ئەتراپىدا، ھويلىسىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ نومۇر تاختىيى يوق، ئىككى چاقلىق، كۆمۈش رەڭلىك موتوسىكىلىتىنى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ، XX ناھىيە XX بازىرى شەرقى XX كوچىسى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار رXXننىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 178.19 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار رXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدىن باشلاپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشى ۋە جاۋابكار رXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، نومۇر تاختىيى يوق موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى پىراۋىسىز ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككى ئاي 25 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 5700 يۈەن شىتىراف قۇيۇپ قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشڭىزلارغا تەكلىپ بىرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئەXX

        مەXX

 

 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (89 بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top