欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(热依来·依某等三人盗窃案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 497-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

      جاۋابكار رxx، ئايال، ئۇيغۇر، 20 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529272000xxxxxxxx ، تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھيىسى xx يېزا xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسىپى يوق، 2019-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 6 كۈن توختىتىپ قۇيۇلغان . 2019-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن. 

    جاۋابكار بۇxx، ئايال، ئۇيغۇر، 19 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529272001xxxxxxxx، تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيە xx يېزا xx كەنىت xx-گۇرۇپ xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، مۇقىم كەسىپى يوق،  ئىلگىرى جازالانمىغان .2019-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن. 

    جاۋابكار رxx، ئايال، ئۇيغۇر، 21 ياش، كىملىك نۇمۇرى:  6529012000xxxxxxx،  تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھرى xxئولتۇراق رايونى xx-بىنا xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،  ئىلگىرى جازالانمىغان .2019-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن. 

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى (2019) 1655-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارلارغا ھوقۇق-مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى، ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

    2019-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى جاۋابكار رxx بىلەن رxx زىيانلانغۇچى ئېxxنىڭ پۇلنى ئوغۇرلىماقچى بولۇپ مەسلىھەتلەشكەن ھەمدە شۇ كۈنى كەچ سائەت  23:00لەر ئەتراپىدا جاۋابكار رxx بىلەن رxx زىيانلانغۇچى ئىxx ۋە دوستى ئەxxلەر بىلەن كۆرۈشۈپ بىرلىكتە ئاقسۇ شەھەر xx يولى xx مىھمانخانىسىxx-نۇمۇرلۇق ياتاققا بارغان. ئۇلار بىر قۇتا ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، جاۋابكار رxx جاۋابكار بۇxx ۋە دوسىتى پاxxنى ئۈندىدار ئارقىلىق چاقىرىپ كىرىپ ياتاقتا 6 ئادەم بىرلىكتە ھاراق ئىچكەن. تەخمىنەن تاڭ سەھەر سائەت 2 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار رxx زىيانلانغۇچى ئx بىلەن ياتاق ئۆيدىكى كارۋاتتا پاراڭلىشىپ يېتىۋاتقاندا جاۋابكار رxx، جاۋابكار بۇxxنلەر ياتاق ئۆيگە كىرىپ زىيانلانغۇچى ئېxxنىڭ دېققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ زىيانلانغۇچى ئېxx ياتاق ئۆينىڭ  دېرىزىسى يېنىغا قويۇپ قويغان ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ 2200يۈەن پۇلنى ئوغۇرلىۋالغان. پۇلنى ئوغۇرلاپ بولغاندىن كىيىن رxx، بۇxxنلەر ياتاقتىن چىقىپ كەتكەن، كەينىدىن جاۋابكار رxx بىلەن دوستى پاxx ياتاقتىن چىقىپ كەتكەن. جاۋابكار رxx ياتاقتىن چىقىپ جاۋابكار رxxغا ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئەھۋال ئىگەللىگىلى ئۇچۇر يوللىغاندا، جاۋابكار رxx پەسكە چۈشمەڭلار دەپ ئۇچۇر يوللىغان، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار رxx بىلەن جاۋابكار بۇxxىن ئوغۇرلىغان 2200 يۈەن پۇلنى جاۋابكار رxxنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە تىقىپ قويغان، دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار رxx، بۇxx، رxx قاتارلىقلارنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار رxx، بۇxx، رxx قاتارلىقلارنىڭ قىلىمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكار جاۋابكار رxx، بۇxx، رxx قاتارلىقلارنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن 

مۇۋەققەت تەپتىش : ئابدۇسالام تۇرسۇن

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئىزاھات:

1.جاۋابكار جاۋابكار رxx، بۇxx، رxx قاتارلىقلار ئائىلىسىدە كىپىلدە. رxxنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى : 1500300xxxx ،

بۇxxنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى :  1769166xxxx ،رxxنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى :  1879945xxxx .

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top