ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ش ت ت ج 3-بۆلۇم چىقىش (2020) 04–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار مەن**، ئەر، ئۇيغۇر، **-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ** شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : ******650102195110، ساۋاتسىز، مۇقىم خىزمىتى يوق. نوپوسى تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: **شەھىرى ** رايونى ** كوچىسى **-نومۇر 3-كورپۇس 901- ئۆي. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەتكە ئېلىنغان، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار مەن**نىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2019-يىلى 11–ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋاپكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. بۇ جەرياندا دېلونى ئىككى قېتىم تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق، تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكىنى قانۇن بويىچە ئۈچ قېتىم ئۇزارتتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار مەن** 2013-يىلى 9-ئايدىن 2015-يىلى 7-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، شەھىرىمىزنىڭ ** رايۇنى ** يولى ** مىھمانخانىسى ئەتراپىدا تاشقى پېرىۋوتنى قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى بىلەن شوغۇللانغان بولۇپ، بۇ جەرياندا دوللار ساتقان ياكى سېتىۋالغان خەلىق پۇلىنى ئۆزىنىڭ نامىدا بېجىرىلگەن بانكا كارتىللىرى ئارقىلىق ھىسابات قىلغان. جاۋابكارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت ئېلىپ-سېتىش قىلمىشىغا چېتىشلىق جىنايى قىلمىشلىرى تۆۋەندىكىدەك:
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ، جاۋابكار مەن** باشقىلاردىن سېتىۋالغان 2251500 (ئىككى مىليۇن ئىككى يۈز ئەللىك بىر مىڭ بەش يۈز) ئەتىراپىدىكى ئامرىكا دوللىرىنى،ئە**، سى**لارغا 36 قېتىمدا خەلق پۇلى 13883300 (ئون ئۈچ مىليۇن سەككىز يۈز سەكسەن ئۈچ مىڭ ئۈچ يۈز) يۈەنگە ھايىنىغا ساتقان.
جاۋابكار مەن**2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تىلفۇندا ئىغىزاكى چاقىرتىشى ئارقىلىق تۇتۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار مەن**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكار قانۇنسىز تاشقى پېرىۋوت سودىسىدا ئىشلەتكەن بانكا ھېساباتىنىڭ تەپسىلى كىرىم چىقىم خاتىرىسى، ھىسابات خاتىرسىنى تونۇتۇش ئىسپاتى، ئامرىكا دوللىرىنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىساپلاش باھا جەدۋىلى قاتارلىقلار؛
2. گۇۋاھچى ئە**، سى**لاردىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار مەن**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرەتلىرى؛
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار ؛
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار مەن**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار مەن**نىڭ قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە، دۆلەت بىكىتكەن تاشقى پىرىۋوت ئالماشتۇرۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بانكا، جۇڭگو تاشقى پېرىۋوت سودا مەركىزى ياكى ئۇنىڭ تارماق مەركىزى قاتارلىق جايلاردىن باشقا جايلاردا ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز تاشقى پىرىۋوت ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازار تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 225–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، 176–ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: سانىيە ھامۇت
تەپتىش ياردەمچىسى: مەمەت توختى
2020–يىلى 4–ئاينىڭ 13–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار مەن** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە؛
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 4 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش تەكلىبى ۋە جازا ئۆلچەش پىكىرنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
4. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتى (ئەسلى نۇسخىسى)، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تۈزۈم ئۇقتۇرۇشنامىسى (ئەسلى نۇسخىسى)دىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论