欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(海某某)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

غۇلجا  ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

       غ ن تەپتىش 1-جىنايى ئىشلار بۆلۈم ئەيىبلەش  (2020) xx -نومۇرلۇق   

جاۋابكار: خەxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx ياش،xx-يىلىxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان، كەسپى: ساتىراش، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxx6540، نوپۇسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى:xx ناھىيە  xx مەيدانى xx- ئەترەت xx- نومۇر،2019-يىلى 10- ئاينىڭ 18كۈنى  ئوغىرىلىق قىلمىشى  بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 8  كۈن مەمۇرى توختۇتۇپ قويۇش جازاسى بىرىلگەن. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغىرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.ھازىر سىرتتا.

بۇ دېلونى غۇلجا  ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى9-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىنى قوللىنىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپ ئۆتتۇق. قانۇن بويىچە جاۋابكارنى سوراق قىلدۇق ۋە پىكىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1.جاۋاپكار خەxx 2019 يىلى 7- ئاينىڭ 5-كۈنى يىرىم كىچە سائەت 2 لەر بىلەن ئۆزى يالغۇز  غ ن ياشلار دىھقانچىلىق مەيدانى 3- ئەترەت ئەزاسى جۈxxنىڭ ياشلار دىھقانچىلىق مەيدانى تۆت كوچا ئىغىزىدىكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش دۇكىنىغا ئوغورلۇققا كىرىپ  ئەينەك پۇكەي ئىچىگە تىزىپ قويۇلغان 3298يۈەن قىممىتىدىكى تۆت دانە يان تېلفۇن بىلەن ئۈستەل تارتمىسىدىكى  200 يۈەن نەق پۇلنى ئوغورلاپ چىققاندىن كىيىن  غۇلجا شەھىرىگە كىرىپ تېلفۇن بازىرىدا تونىمايدىغان ئۈچ كىشىگە ئۈچ دانە  يان تېلفۇننى سىتىپ پايدىلانغان.بىردانە تېلفۇننى ئۆزىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىلىپ قىلىپ بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن  كىيىن يۈتتۈرۋەتكەن. 200 يۈئەننى ئۆزى يالغۇز خەجلەپ تۈگەتكەن.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن 2500يۈەن زىيان ئەينىگە كەلگەن.

2.جىنايەت گۇماندارى خەxx 2019 يىلى 9- ئاينىڭ 26-كۈنى كىچىدە  ئۆزى يالغۇز  غ ن دۆڭمازار بازىرى كونا قاتناشنىڭ يىنىدىكى جىن تىڭدا تېلفۇن سىتىش مەركىزىنىڭ ئىشىك قۇلىپىنى بۇزۇپ كىرىپ جەمى 815 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت،سائەتنىڭ زەرەتلىگۈچىسى،زەرەتلىگۈچ سىم،تىڭشڭغۇچ،رەسىمگە تارتىش تاياقچىسى،بىر دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇن،بىر دانە كۇنۇپقىلىق تېلفۇن،ئۈچ دانە تېلفۇن مودىلى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغورلاپ چىققاندا قولايلىق ساخچى پونكىتىدىكى ساخچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.زىيان ئەينىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات ؛

1.​ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ؛

3.جاۋابكارنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛

4.باھالاش پىكىرى؛

5.نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش ماتىرىيالى ؛

6.ئۈن سىن ماتىرىيالى؛

   يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانۇنلۇق، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ، راست. شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار خەxxنىڭ شىكايەت قىلىنغان قىلمىش ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەم جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار خەxxنىڭ  قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ 4113 يۇەن قىممىتىدىكى مال مۈلكى ۋە 200 يۈەن نەق پۇلىنى ئوغىرىلىغانلىق قىلمىشى ‹جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›نىڭ264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ  جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، ئوغورلوق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان بولۇپ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار خەxxنى  «جۇڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا3-تارماق بەلگىلىمىسى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە 2 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى ۋە 1000يۇەن شىتراف قويۇشىڭلارنى سوراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇكەررەم بەكرى

تەپتىش :ئەسئەت قۇربانجان  

                             2020-يىلى10-ئاينىڭ 10-كۈنى

قوشۇمچە :

1.جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلگە بىرىلگەن .  

2.دەلىل ئىسپات تېزىسى، ئۈن سىن ماتىريالى، ئىككى توپلام   تەھقىقلەش دېلوسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top