欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(海某某盗窃案)

2021-09-22 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش ( 2020) 107 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

     جاۋاپكار خە ،XX ئايال،ئۇيغۇر،24ياش،كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX  6532221995  ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاقسۇ XXمائارىپ تەربىلەش مەكتپنىڭ ئوقوغۇچىسى، يۇرتى: XX ناھىيسى، توختۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: خوتەن ۋىلايىتى XXناھىيە XXيېزا XXكەنىت -XX گورۇپپا -XX نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بىلەن  توختىتىپ قويۇلۇپ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى12-ئاينىڭ 17-كۈنى(2019) 1751-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋاپكار خەXX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 02:30 لار ئەتراپىدا ، ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايۇنى -XXبىنا -XX قەۋەتتىكى « ئاقسۇ XXمائارىپ تەربىلەش مەكتىپى » نىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا، زىيانلانغۇچى مىXXنىڭ سۇخانغا چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنپ كارۋىتىغا قويۇپ قويغان بىردانە شىر باش بىلەيزۇك) 11.17گىرام) ،بىر دانە قارا كۆزلۇك ئالتۇن ئۇزۇك) 14.89گىرام) جەمىئى 26.06 گىرام ئېغىرلىقتىكى 9084 يۈەن قىممتىدىكى ئالتۇن زىببۇ-زىننەتلىرىنى ئوغۇرلاپ، ئاقسۇ شەھەر XXكوچىسدىكى « XXئالتۇن دۇكىنى» غا ئاپىرىپ8340  يۇەنگە سېتۋەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە  كەلگەن.  

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات،زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ،ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار خەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ،ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

                          تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت

     تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان

                 2020-يىلى 3-ئاينىڭ  11-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار خەXX  ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق .

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە، ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top