شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 222-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار : ھەXX ، ئەر، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى، كىملىك نومۇرى: 0518****** 65212219، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپ ***-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 18-كۈنى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار قارىلىپ پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن ،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ھەXXنىڭ قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە بىر قىتملىق تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 28-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈم ئۇقتۇرۇشىنى ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.ئالاھىدە سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى بىر قىتىم 15كۈن ئۇزارتتۇق .
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2018-يىلى 08-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار ھەXX ***** 新Kنۇمۇرلۇق (بىراك ئۆلچىمىگە يەتكەن)،«**» ماركىلىق، ئادەتتىكى تۈۋەن سۈرئەتلىك يۈك ماشىنسىىنى ھەيدەپ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ماشىنسىنى شەرىقتىن- غەرىپكە يۈلۈنىشتە كەينىگە ياندۇرۇش جەريانىدا، قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەھۋالنى ئېنىقلاپ كۆرمەي پىيادە يول يۈرگۈچى خاXX بىلەن سۇقۇلغان ، نەتىجىدە خاXXدۇختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازالاشتەك زور قاتناش ھادىسسىنى سادىر قىلغان. جاۋاپكار ھەXX مەزكور ھادىسىنىڭ پۈتۈن مەسئوليىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، قازا قىلغۇچى خاXXنىڭ ھادىسىدە مەسئوليىتى يوق .
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى 3. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنلېرى؛ 5. نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرە،خەرىيتە ،سۆرەتلېرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ھەXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ھەXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش-تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، بىراك قىلىش ئۆلچىمىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلىشىدەك زور قاتناش ھادىىسى سادىر قىلغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.مەزكور قاتناش ھادىىسى سادىر قىلىش قىلمىشىغا بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا 3تۈۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش .
جاۋاپكار ھەXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ھەXXقا مۇددەتلىك 1يىلدىن 2يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.
جاۋاپكار ھەXXنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابدىراخمان ئابدۇللا
2020- يىلى4- ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار ھەXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:151*********.
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،ئۈن-سىن دېسكىسى بىردانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
4.زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ جىنايى ئىشلار قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ ئەرزى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论