欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(沙某某诈骗案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                     پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 281-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: شاXX ، ئايال،  ئۇيغۇر، **19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى :  1427******65212219  ، پىچان ناھىيە** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق،  تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان ،   ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن  2019 - يىلى7 -ئاينىڭ 3-كۈنى، تۇرپان -قۇمۇل جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ  بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن .            

  جاۋاپكار  : ئەXX، ئەر،  ئۇيغۇر،** 19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1435******65212219 ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق،  تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان ،  ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن  2019 - يىلى7 -ئاينىڭ 3-كۈنى تۇرپان -قۇمۇل جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ  بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار شاXX ،ئەلXXلارنىڭ ئالدامچىلىق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەش ۋە بىر قىتىملىق تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارلارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.دېلودا ئالاھىدە ئەھۋال بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكىنى 2قىتىم 15كۈن ئۇزارتتۇق .

    مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى: 

     1. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ باشلېرى ،جاۋاپكار شاXX،ئەXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئىXXنى ئالداپ ،20كۈندىن 25كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 50مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 5500يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .    

     2. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ باشلېرى ،جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار پىچان ناھىيە ** بازىرى **مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مەXXنى  ئالداپ ،20كۈندىن 25كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 250مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 12500يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .

     3. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ باشلېرى ،جاۋاپكار شاXX،ئەXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار پىچان ناھىيە** بازىرى **مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەXXنى ئالداپ ،20كۈندىن 25كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 50مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 5800يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .

    4. 2016-يىلى 11-ئايلاردا ،جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار ئۇنسۇ ناھىيە ** **ئاپتۇنۇم يېزىسى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى جىXXنى ئالداپ ،15كۈندىن 20كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 30مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 2500يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .

    5. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ باشلېرى ،جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار پىچان ناھىيە ** بازىرى **مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى مەXXنى ئالداپ ،20كۈندىن 25كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 50مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 5800يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .

    6. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ ئۇتتۇرلېرى ،جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى رXXنى ئالداپ ،20 كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 50مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 5800يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .

    7. 2016-يىلى 11-ئايلاردا ،جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ۋXXنى ئالداپ ،20كۈندىن 25كۈنگىچە كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 30مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 3800يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .

    8. 2016-يىلى 11-ئايلاردا ،جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلار بىرلىشىپ،ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجىرىش ئىقتىدارى يوق تۇرۇقلۇق ،ئۈندىداردا ئاز سوممىلىق قەرىز پۇل بىجىرىش ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ ،قەرىز پۇل بىجىرىش ئېھتىياجى بار پوسكام ناھىيسى ****مىللىتى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەXXنى  ئالداپ ،20كۈنگىچە قەرىز پۇل بىجىرىلىپ قۇلىڭغا تىگىدۇ دەپ ئىشەندۈرۈپ 20مىڭ يۈەن قەرىز پۇل بىجىرىشنىڭ رەسمىيەت ھەققى باھانىسى بىلەن 3200يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلىپ ،پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەن .( زىيانلار تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى).

    يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى ؛ 3 .جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4.تۇنۇتۇش خاتىرلېرى  ؛5. ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى ؛ 6.ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى  قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار شاXX،ئەلىXXلارنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە،  جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلارنىڭ دۆلىتىمىز قانونلېرىنى كۆزگە ئىلماي،قانونسىز ئىگللىۋىلىش مەقستىدە ھېچقانداق قەرىز پۇل بىجرىش ئىقدارى يوق ئەھۋال ئاستىدا ، ھەقىيقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ،بىرلىشىپ زىيانلانغۇچىلارنى ئالداپ، 44900يۈەن پۇلنى ئالداپ ئىلۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھوريىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 266-ماددىسى ، 25-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكارلارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا: 3يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ،قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى .

جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ  3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. مەھكىمىمىز جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلارغا مۇددەتلىك 1يىل 6ئايدىن 2يىل 6ئايغىچە  قاماق جازاسى بېرىش،قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار شاXX ،ئەلىXXلارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

    2020-يىلى5-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار شاXX ،ئەXXلار ھازىر كىپىللىكتە ،تىلفۇن نۇمۇرى :.

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 4 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 16نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» ئىككى پارچە،ئۈن -سىن دېسكىسى 12دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top