شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئى ر ت ئە چىقىش (2020) 49- نومۇرلۇق
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار سXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6521011981. تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايون ** يېزا ** كەنىت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2018-يىلى 12-ئايىنىڭ 12-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، جاۋاپكار سXX بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. دىلونىڭ بېجىرىش سۈرۈكىنى قانون بويىچە ئۇزارتتۇق. مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار تۆۋەندىكىچە :
جاۋابكار س XX 2018-يىلى 4-ئايلار ئەتراپىدا، قانوندىن مەسلىھەت بېرىمەن دەپ، ئۈندىداردا زىيانلانلانغۇچى ب XX بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى بXXنىڭ نوپوسىنى ** شەھىرىدىن **شەھەر ** رايونىغا يۆتكەش ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ ئالدىغان، ھەمدە خۇXX بىلەن بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زىيانلانغۇچىدىن 5000 يۈەن پۇل ئېلىشنى مەسلىھەتلەشكەن. جاۋابكار سXX خۇXXبىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا زىيانلانغۇچى ب XXتىن 10000 يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، خۇXXغا 5000 يۈەننى بېرىپ قالغان 5000 يۈەننى ئۆزى ئېلىۋالغان، زىيانلانغۇچى بۇ ئىشنى كۆپ قېتىم سۈيلىگەن بولسىمۇ يەنىلا ھەل قىلىپ بەرمىگەن. 2018-يىلى 11-ئايدا خۇXX 3000 يۈەننى جاۋابكار سXXغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار سXX 8000 يۈەننى، خۇXX 2000 يۈەننى زىيانلانغۇچى ب XXقا قايتۇرۇپ بەرگەن.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تونۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك، جاۋاپكار سXXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە : جاۋابكار س XXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنىڭ نوپوس ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 10000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 266-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى، 67-ماددىسى 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان، زىياننى تولۇق تۆلەپ تۈگەتكەن. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
قوشۇمچە :
1. جاۋابكار سXX كېپىلدە.
2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا، تۆۋىنامە بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论