欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(沙某某危险驾驶案)_博乐市人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

博乐市人民检察院

起 诉 书

博乐市检一部刑诉〔2020〕53号

بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ب ش ت ج ئەيىپلەش خەتلىك (2020) 53-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار س**، ئەر ، قازاق ، 1994-يىلى**- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان 26ياش ،كىملىك نومۇرى :6527011994******** ،ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: بورتالا شەھەر ** بازار ** ئولتۇراق رايونى **- بىنا **- كورپۇس **- ئۆي، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن : بورتالا شەھەر ** چىگىرا ساقچىخانىسى، 2020-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن ، 2020- يىلى3- ئاينىڭ24- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن .

   مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020-يىلى3-ئاينىڭ23-كۈنى (2020)40- نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار س**نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ ،پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:

     2020-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى سائەت 02دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە س** ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە 新E-***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەرى شويىڭپەن بازىرى جىشاڭ خەلىققە قولايلىق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىدىغا كەلگەندە يولنىڭ ئوتترىسىدىكى يول رىشاتكىسىنى سوقۇۋەتىپ، يول رىشاتكىسىنىڭ بۇزۇلىشى ۋە 新E-***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2020-يىلى1-ئاينىڭ21- كۈنى بورتالا ئوبلاسلىق ج خ ئىدارسى چىقارغان  ماددى پاكىت باھالاشنامىشگە تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن س**نىڭ ۋىنا قىنىدا ئىسپىرىت مىقدارى بايقالغان ،ئىسپىرىت مىقدارى بولسا: 123.536mg/100ml بولغان ، مەس ھالەتكە تەۋە .

   يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار سارقىلماس س**نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن :

بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : زاھىر   

2020-يىلى3-ئاينىڭ 27-كۈنى 

قوشۇمچە :

1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام  بىللە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top