欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(毛某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  ئو ت ئەيىبلەش ( 2020)  -نۇمۇرلۇق                                         

   جاۋاپكار موXX ، ئەر ، ئۇيغۇر،1972-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX 6529221972، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئۇنسۇ  ناھىيە X يېزا X كەنتX-مەھەللەX -قورو ،  تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپ مەدەنيەت سەۋىيىسگە ئىگە  ،دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2020-يىلى 3 -ئاينىڭ 24-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە دىلو تۇرغۇزۇلۇپ،شۇ كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.  

   ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار موXXنى  خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن  2020-يىلى 6-ئاينىڭ2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋاپكار دىلونى دىلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قوشۇلدى .

    قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

   جاۋاپكارموXX 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى  سائەت 11 ئەتراپىدا، ھاراق ئىچكەندىن كىيىن پىراۋىسىزھالدا،نومۇرتاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى ھەيدەپ، ئونسۇ  ناھىيە گۈلئاۋات يېزاگۈلئېرىق كەنت كومېتىتى ئالدىدىكى يولدا كىتىۋاتقاندا ، ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى گۈلئاۋات يېزا  گۈلئېرىق كەنت ساقچى ئىشخانىسى خادىملىرى باشقىلارنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن جاۋاپكار موXXنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،ھاراق ئىچىپ موتوسىكلىت ھەيدىگەنلىگىنى بايقىغان.       

   جاۋاپكار موXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۈنىدە  قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى  mg/100ml145.31 غايەتكەنلىگى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

   يۇقارقى   پاكىتنى   يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىغى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئۈن-سىن ماتېرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش  جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى  تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.       

   مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكارموXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا  بەلگۈلىمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

   دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلىدۇ، قوشۇمچە ئىشتىراف قويۇلىدۇ»   دەپ بەلگىلەنگەن.

جاۋاپكارموXXنىڭ جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ.           

   قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،جاۋاپكارموXXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                        ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

                  تەپتىش: كىرەمجان ئۆمەر

                   پۇتۈكچى:ئىزىزجان ئابلەت 

   

                       2020-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

  قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ  قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل  ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا  جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى  قاتارلىقلار بىرگە يەتكۈزۈلدى.

(2) جاۋاپكارموXX ھازىرئائىلىسىدە كېپىلدە، تېلىفۇن:XXXXXXXXXXX


评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top