كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 )764–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار بxx،ئەر،1996-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxx6528011996،ئۇيغۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.دىھقان،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx ئۆي. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: كورلا شەھەر xx xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-ئۆي.بۇرۇن جازالانمىغان.2019-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار بxxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق،ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق.جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار بxx ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە،پىراۋسىز 新Mxxxxxنۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشننى ھەيدەپ،كورلا شەھەر xx باغۋەنچىلىك مەيدانى xx-مەيدان xx ئارامگاھى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە،ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان چارلاش ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇۋاتوڭ ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى(2019)3416-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇرىيېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار بxxنىڭ ھەر يۈز مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 133مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى:يازما ئىسپات،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.جاۋابكار بxx ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى،جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ،جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار بxxنىڭ قاتناش-ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،جاۋاپكار بxxنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
2020-يىلى9-ئاينىڭ14-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论