欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(柯某某危险驾驶案)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                      پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 439-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار: قىXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 3719 ******65212219  ، پىچان ناھىيە ** يېزا** كەنىت **- گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا  كىپىللىككە بېرىلگەن. 

پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار قىXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 5- ئاينىڭ 14- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2019-يىلى 07-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 01 دىن 00 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار قىXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، 新K***** نۇمۇرلۇق، « **» شەندەي ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** يېزا ** كارىز ** ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 

شىنجاڭ « خۇاتۇڭ» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019)4697-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا«جاۋاپكار قXXدىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارmg/100ml225.52»دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. 

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ؛3.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى  قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار قىXXئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار قىXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار قىXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار قىXXگە 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش، جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن :

 تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئىزاھات :

1.جاۋاپكار قېXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە.

 2.دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top