شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ج ئە (2019)380-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ر**، ئايال، ئويغۇر،**ياش، **-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0765** 652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ** ناھىيسىدىن، ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2017-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش(ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش) جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، 2018-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
جاۋابكار ر**نىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش(ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش) جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى (2019) 204-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى.
مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
جاۋابكار ر** 2017-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كېچىسى، توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا سۆگەتقوتان كەنىت 3-گوروپتىكى ئۆيىدە ئاپىسى م** بىلەن بىرگە ئۇخلىغان، ئاتىسى ت** بىلەن ئىنىسى ئا** مېھمانلىق ئۆيدە ئۇخلىغان. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00 ئەتراپىدا، ت** بىلەن ئايالى م** ھويلىغا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ، جاۋابكار ر** بىر دانە ئورغاقنى ئېلىپ ئىنىسى ئا** ئۇخلاۋاتقان ئۆيگە كىرىپ، ئا**نىڭ يېنىغا بېرىپ، قۇلىدىكى ئورغاق بىلەن ئا**نىڭ باش، بويۇن، يۈز قىسمىغا كۆپ قېتىم چاپقان، بۇ ۋاقىتتا ت** بىلەن م** خاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆيگە كىرىپ، جاۋابكار ر**نى تۇتىۋالغان ھەمدە ت** پەيشەنبازار يېزا سۆگەتقوتان كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا چىقىپ دىلو مەلۇم قىلغان. سائەت 07:22 ئەتراپىدا، توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا سۆگەتقوتان كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكى ساقچىلار نەق مەيدانغا چىقىپ، جاۋابكار ر**نى تۇتقان ھەم جىددى قۇتقۇزۇش ئورنىغا مەلۇم قىلغان، سائەت 07:48ئەتراپىدا، توقسۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىپ، زەخمىلەنگۈچى ئا**نى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغان، ئا** قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا يولدا ئۆلگەن.
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2017) 070-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا: ئۆلگۈچى ئا**نىڭ مىڭىسى زەخمىلىنىش بىلەن بىرگە، قان يوقۇتۇش خارەكتىرلىك شۈك بۇلۇپ ئۆلگەن دەپ بېكىتىلگەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش مەركىزىنىڭ ( 2017 ) 127-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا : جاۋابكار ر**نىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ئۆكچىسىدىكى قان دېغى، ئوڭ پۇتىنىڭ ئۇشۇقىدىكى قان دېغى، دىلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى توخۇڭ رەڭلىك يوتقان تېشىدىن كىسىۋېلىنغان بۇيۇم، نەق مەيداندىكى ئاق رەڭلىك پەردىدىن كىسىۋېلىنغان بۇيۇم، جاۋابكار ر**نىڭ ناۋاترەڭ كۈزلۈك ئىشتىنىدىن كىسۋېلىنغان بۇيۇم، نەق مەيداندىكى ئورغاق ئۈستىدىكى قان دېغىدىن ئىنسانلارنىڭ DNAسى ئايرىپ چىقىلدى، بۇ ئا**نىڭ قان دېغىنىڭ STR ئايرىش شەكلى بىلەن ئوخشاش، ئوخشاشلىق نىسپىتى 1.55×1030 .
شىنجاڭ جىڭۋېي قانۇن دوختۇرى روھى كېسەللىكلەرنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ ( 2018 ) 0409-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا : ر**نىڭ 1. روھى ھالىتى : ئايرىشنى كۈتۈپ تۇرغان روھى كېسەللىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش. 2. جىنايى ئىشلار مەسئۇليەت ئىقتىدارى : چەكلىك (قىسمەن) جىنايى ئىشلار مەسئۇليەت ئىقتىدارىغا ئىگە، دەپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش پىكىرى، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىممىز، جاۋابكار ر**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش(ئۈلۈشىگە سەۋەبچى بۇلۇش) جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار ر**غا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234- ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : مارىگۈل ئەنۋەر
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كاڭنىڭ دوختۇرخانىسىدا. ② 3 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论