شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) -نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار م** ، ئەر، ئۇيغۇر، ** ياش، **- يىلى **-ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى : 3519 ** 652925 ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، مۇقىم كەسپى يوق ،** ناھىيسدىن ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى : ** ناھىيە ** يېزا ** كەنت **- گوروپ ، ھازىر ** شەھىرى **رايۇنى ** ئولتۇراق رايۇنى **- بىنا **-كۇرپۇس **- ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان ، 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 21- كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) ئېلىپ – سېتىش ، قانۇنسىز ئىلىكىدە ساقلاش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان .
جاۋابكار م**نىڭ زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) ئېلىپ – سېتىش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 109–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار م** 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى تار كوچىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان بىر شەخسى ئامبۇلاتۇريەدىكى بىر ئەر خەنزۇ (سالاھىيتى ئېنىقلانمىغان) دىن سۈزۈك ئاق رەڭلىك كىچىك سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان 1.07 گىرام زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) نى 200 يۈەنگە سېتۋېلىپ توقسۇ ناھىيسىگە ئەكىلىپ ، يۇقارقى ناتاشانى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرچىسىغا سېتىپ بەرمەكچى بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار توقسۇ مىھمانخانىسىنىڭ ئارقا تەرەپتىكى ھويلىسىدا كۈرۈشۈشكە دىيىشكەن. شۇ كۈنى جاۋاپكار م** ئۈزىنىڭ ماشىنىسىنى توقسۇ مىھمانخانىسىنىڭ ئارقا تەرەپتىكى ھويلىسىدا توختۇتۇپ قۇيۇپ، ماشىننىڭ ئىچىدە توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرچىسىغا 0.55گىرام بىر بولاق گۇمانلىق زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) نى 300 يۈەنگە ھەم 6 قۇتا دىفىن نوجىپىيەن دۇرىسىنىڭ ھەر بىر قۇتىسىنى 100 يۈەندىن 600 يۈەنگە دىيىشىپ سېتىپ بىرىۋاتقاندا ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. جاۋاپكار م** تۇتۇلغاندىن كىيىن جاۋاپكارنىڭ يېنى ۋە ماشىنىسىنى ئاختۇرۇش نەتىنجىسىدە، ماشىنسىدىن 0.52 گىرام ناتاشا ۋە 85 قۇتا دىفىن نوجىپىيەن دۇرىسى تېپىلغان .
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەتىرتى م**نىڭ كۈرۈپ تۇرۇشى بىلەن ئىلىكتىرونلىق تارازىدا جىڭلاش ئارقىلىق ، م** ئۇچۇرچىغا سېتىپ بەرگەن ناتاشانىڭ سىرتقى ئورالما قاپلىرىنى چىقىرۋەتكەندىكى ئېغىرلىقى 0.55 گىرام، جاۋاپكارنىڭ ماشىنىسىدىن تېپىلغان ناتاشانىڭ سىرتقى ئورالما قاپلىرىنى چىقىرۋەتكەندىكى ئېغىرلىقى 0.52 گىرام بۇلۇپ قولغا چۈشكەن جەمئى ناتاشانىڭ ئېغىرلىقى 1.07 گىرام كەلگەن.
توقسۇ ناھىيلىك بازارنى بازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قولغا چۈشكەن گۇمانلىق دۇرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق يۇقارقى گۇمانلىق دۇرىنىڭ دىفىن نۇجىپىيەن ئىكەنلىكى ئېنىقلىغان.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى ، باھالاشنامە ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ .
مەھكىممىز، جاۋابكار م**نىڭ قىلمىشىدىن زەھەرلىك بۇيۇم (ناتاشا) ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار م**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ347- ماددىسى، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار م**غا مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسى ، قۇشۇمچە 3000 يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر توقسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى ، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论